تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دەل توغرا ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئۈستىدە ئىزدىنىش قەدىمى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى

− شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش ئالدىن مەلۇمات بەرگۈچىسى، ئالىي ئىنژېنېر چېن چۈنيەن توغرىسىدا

مۇخبىرىمىز شيې خۇيبيەن

7- ئاينىڭ 6- كۈنى، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش ئالدىن مەلۇمات بەرگۈچىسى، ئالىي ئىنژېنېر چېن چۈنيەن ئەتىگەندىلا ئىشخانىسىغا كېلىپ، كومپيۇتېرنى ئېچىپ، يېقىنقى بىرقانچە كۈنلۈك ھاۋارايى ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن خاتىرە قالدۇرۇشقا باشلىدى. كومپيۇتېر ئېكرانىدىكى ئىجىر - مىجىر ئىسخېمىلار، ھەرخىل رەڭدىكى بەلگىلەرنى ئۇ بېرىلىپ كۆردى.

چېن چۈنيەننىڭ نەزەرىدە، بۇ ئىسخېما، بەلگىلەر خېلى بۇرۇنلا رەقەمگە ئايلانغان بولۇپ، ئاسمان قاتلاملارغا ئايرىلغان، بۇلۇت مىقدار بىلەن ھېسابلانغان، شامال سانلىق مەلۇمات بىلەن ئىپادىلەنگەنىدى. چېن چۈنيەن مۇنداق دېدى: «ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانى ھەرىكەتچان بولۇپ، ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز تەھلىل قىلىپ، تېخىمۇ دەل توغرا ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات شەكىللەندۈرۈش».

ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇماتنى ئىمكانقەدەر دەل توغرا قىلىش

1991- يىلى، چېن چۈنيەن نەنجىڭ مېتېئورولوگىيە شۆيۈەنى (ھازىرقى نەنجىڭ ئۇچۇر قۇرۇلۇشى داشۆسى)نى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، يۇرتى تولى ناھىيەسىگە قايتىپ، ھاۋا رايىنى يەر يۈزىدە كۆزىتىش - ئۆلچەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. 2002- يىلى، چېن چۈنيەن ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىگە كىرىپ خىزمەت قىلدى ھەم ئىجتىھات بىلەن تىرىشىشقا تايىنىپ، ئىككى يىل ۋاقىتتا شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش ئالدىن مەلۇمات بەرگۈچىسىگە ئايلاندى.

مۇھىم، زور ھاۋا رايىغا يولۇققاندا، باش ئالدىن مەلۇمات بەرگۈچى بولغان چېن چۈنيەن ناھايىتى زور بېسىمنى زىممىسىگە ئالاتتى. «ئاچقۇچلۇق پەيتتە، باش ئالدىن مەلۇمات بەرگۈچىنىڭ ئېنىق ئالدىن مەلۇمات پىكرى بېرىشىگە توغرا كېلىدۇ.»

2013- يىلى 5- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئالدىن مەلۇمات بەرگۈچىلەر جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆرۈلىدىغان ھۆل - يېغىنلىق ھاۋا رايى ئالدىن مەلۇمات نەتىجىسىنى چۆرىدەپ كەسكىن مۇھاكىمىنى قانات يايدۇردى. ئەينى چاغدا، نۆۋەتچى ئالدىن مەلۇمات بەرگۈچى «قارا يامغۇر مەركىزىنىڭ يامغۇر مىقدارى 30 مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن» دېگەن يەكۈننى چىقاردى. قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكى يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 50 مىللىمېتىرغا يەتمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئالدىن مەلۇمات چەكتىن ئېشىپ كەتكەندەك قىلاتتى.

ئەڭ ئاخىرىدا، كۆپچىلىك نەزەرىنى چېن چۈنيەنگە ئاغدۇردى، ئۇنىڭ يەكۈنى كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى: «قارا يامغۇر مەركىزىنىڭ يامغۇر مىقدارى 50 مىللىمېتىردىن كۆپرەككە يېتىدۇ!» كۆپ يىللىق تەجرىبىسىگە تايىنىپ، ئۇ بۇ قېتىمقى ئاز كۆرۈلىدىغان قارا يامغۇرنىڭ كۆرۈلۈش ۋاقتى، ياغىدىغان رايونى، كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئەڭ ئاخىرىدا، بۇ قېتىمقى ئالدىن مەلۇمات مۇدەتتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن ئېلان قىلىنىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭدا قارا يامغۇر پەيدا قىلىدىغان قىيان توغرىسىدىكى تەتقىقات نەتىجىسى قوللىنىلىپ، شىنجاڭ تارىخىدىكى تۇنجى قىيان ئاپىتى مېتېئورولوگىيەلىك خەۋپ - خەتەر قىزىل رەڭلىك ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش تارقىتىلدى. 5- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن 28- كۈنىگىچە، قارا يامغۇر «كېلىشىۋالغاندەكلا ياغدى»، ھۆل - يېغىن مەركىزىنىڭ يىغىندى يامغۇر مىقدارى 88.2 مىللىمېتىرغا يەتتى. كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى، يەرلىك ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات ۋە تەكلىپكە ئاساسەن، قىيان تەھدىتىگە ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان يېزا - بازار ئاھالىلىرىدىن 14 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئالدىن يۆتكىگەنىدى.

«دەل توغرا ئالدىن مەلۇمات بېرىشتە، ۋاقىت، مىقدار دەرىجىسى، ئورۇن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە قىلچە پەرقسىز بولۇش قىيىن، ئالدىن مەلۇمات بەرگۈچىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى ئالدىن مەلۇمات نەتىجىسىنى ئىمكانقەدەر دەل توغرا قىلىپ، تاسادىپىي ھاۋا رايى ئېلىپ كېلىدىغان زىياننى ئىمكانقەدەر ئازايتىش» دېدى چېن چۈنيەن.

تىرىشىپ تەتقىق قىلىپ دۆلەت دەرىجىلىك باش ئالدىن مەلۇمات بەرگۈچى بولۇش

تېخىمۇ دەل توغرا ئالدىن مەلۇمات بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، چېن چۈنيەن نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلدى. نۇرغۇن قېتىم نۆۋەتچىلىك قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئىشخانىدا قېلىپ يېرىم كېچىگىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، بوران، قارا يامغۇر (قار)، مۆلدۈر قاتارلىق ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋا رايىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ھەم ئالدىن مەلۇمات تېخنىكىسىنى تەھلىل قىلدى ۋە تەتقىق قىلدى.

«چوڭ ئايلانما ئېقىم ۋەزىيىتىنىڭ تەسىرىدە، يېقىنقى ئىككى يىلدا شىنجاڭدا تاسادىپىي ھاۋا رايى بىرقەدەر كۆپ بولدى، بىراق مۇھىم، زور ھاۋارايى جەريانىدىن بىز ھەممىسىدە ئالدىن سىگنال ئۇچۇرى تارقىتىپ كەلدۇق.» سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، چېن چۈنيەن ناھايىتى پەخىرلەندى.

چېن چۈنيەننىڭ قارىشىچە، مۇنەۋۋەر ئالدىن مەلۇمات بەرگۈچى نۆۋەتچىلىكنى ياخشى قىلىش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي، يەنە پەن تەتقىقاتقىمۇ ۋاقىت سەرپ قىلىشى كېرەك.

بۇ يىللاردا، چېن چۈنيەن ئالدىن مەلۇمات نەزەرىيەسى ۋە تېخنىكىسىنى باشلامچىلىق بىلەن قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇرەككەپ جۇغراپىيەلىك شارائىتىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە قاراشقا ئىگە ئالدىن مەلۇمات پىكىر يولىنى شەكىللەندۈردى، بولۇپمۇ شىنجاڭدا قارا يامغۇر - قار، قۇم - بوران قاتارلىق ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش مۇلازىمىتى ساھەسىدە مول تەجرىبىلەرنى توپلىدى.

چېن چۈنيەن يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى باشلاپ، شىنجاڭنىڭ قىسقا ۋاقىتلىق ئالدىن مەلۇمات بېرىش كەسپى سىستېمىسىنى قۇرۇپ، سىستېما ئاپتوماتىك يەتكۈزىدىغان قىسقا ۋاقىتلىق تېمپېراتۇرا ئالدىن مەلۇماتىنىڭ ئىككى سېلسىيە گىرادۇس ئىچىدىكى توغرىلىق نىسبىتىنى ئۇدا سەككىز يىل %70تىن كۆپرەككە يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ قىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ناھىيە دەرىجىلىك غەيرىي قۇرۇلۇش تەدبىرى تۈرىنىڭ تېخنىكا مەسئۇللىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ لايىھەلەپ تەتقىق قىلىپ ئاچقان كۆپ خىل ئىقتىدار بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن، «بىر كۇنۇپكىلىق» ئېلان قىلىنىدىغان «شىنجاڭ ئوتتۇرا، كىچىك دەريا ئېقىنلاردىكى كەلكۈن ۋە قىيان گېئولوگىيەلىك ئاپىتىدىن ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش ئۇنىۋېرسال كەسپى سۇپىسى» پۈتۈن شىنجاڭدا كېڭەيتىلدى.

كەسىپتە پىشقان، تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغانلىقتىن، چېن چۈنيەن كۆپ قېتىم «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر نۆۋەتچى ئالدىن مەلۇمات بەرگۈچى» «جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مۇھىم، زور مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتىدىكى ئىلغار شەخس» «ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى بويىچە مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا ياش، ياش پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتى» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى. 2014- يىلى، ئۇ جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن «مەملىكەت بويىچە 100 نەپەر باش ئالدىن مەلۇمات بەرگۈچى» بولۇپ باھالاندى، شۇنداقلا ئۇ پۈتۈن شىنجاڭدىكى بىردىنبىر دۆلەت دەرىجىلىك باش ئالدىن مەلۇمات بەرگۈچى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل چېن چۈنيەنگە يەنە «ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دەپ نام بېرىلدى.

ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمىگەندىلا، تېخىمۇ يىراققا يۈرگىلى بولىدۇ

بىر كەسپىي خادىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، تېخىمۇ دەل توغرا ئالدىن مەلۇمات بېرىش چېن چۈنيەننىڭ قەتئىي ئىنتىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئەسلىي مەقسىتى باشتىن - ئاخىر قانداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئىدى.

13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يېپىلىشنىڭ ئالدىدا، 2016- يىلى 1- ئاينىڭ 29- كۈنى كېچىدە ھاۋا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ، ئاسماننى قويۇق تۇمان قاپلىدى. تەشكىلىي كومىتېتنىڭ خىزمەتچى خادىمى تېلېفون بېرىپ: «ئەتىدىكى يېپىلىش مۇراسىمىنى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزگىلى بولامدۇ - يوق، ئېنىق جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز» دېدى. نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان باش ئالدىن مەلۇمات بەرگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چېن چۈنيەن تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئەتە ئەتىگەندە قار توختاپ، تۇمان تارقىلىدۇ، دەپ يەكۈن چىقاردى. ئالدىن مەلۇمات يەكۈنى ئەمەلىي ئەھۋال بىلەن تامامەن بىردەك بولۇپ، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك يېپىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

2018- يىلى 11- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن 12- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە، شىمالىي شىنجاڭدا ئاز كۆرۈلىدىغان سوغۇق ئېقىم، قېلىن قار، بوران، قۇم - بوران قاتارلىق ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايى جەريانى كۆرۈلدى. «قىش پەسلىدە قۇم - بورانلىق ھاۋارايى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ» دېدى چېن چۈنيەن. كۆپ يىللىق تەجرىبىسىگە ئاساسەن، ئۇ ئالدىن مەلۇمات بەرگۈچىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ بۇ قېتىمقى ھاۋارايىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى، تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسى قاتارلىقلار توغرىسىدا ئالدىن مەلۇمات بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك رايونلارنىڭ ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ۋاقتىدا يەرلىكنى تەدبىر بەلگىلەش مۇلازىمەت ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەپ، زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈردى.

كۈندىلىك خىزمەتتە چېن چۈنيەن يەنە دائىم دېھقان - چارۋىچىلاردىن كەلگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بولۇپمۇ بۇ يىل، جەنۇبىي شىنجاڭ قىسقا مەزگىل ئىچىدە بىر قانچە قېتىم مۇھىم، زور ھاۋا رايى جەريانىنى باشتىن كەچۈردى، بوران، مۆلدۈر يەرلىكتىكى دېھقان - چارۋىچىلارغا خېلى زىيان كەلتۈردى. بۇنىڭ بىلەن دېھقان - چارۋىچىلار مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىغا ئالاھىدە تېلېفون بېرىپ، چېن چۈنيەننى ئىزدەپ يېقىنقى مەزگىلدىكى ھاۋا رايى ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇنىڭ تەكلىپى بويىچە تېرىقچىلىق پىلانىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان بولدى.

ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلىغان چېن چۈنيەننىڭ دەل توغرا ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئۈستىدە ئىزدىنىش قەدىمى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى. «ھاۋا رايىدىن دەل توغرا ئالدىن مەلۇمات بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يول تېخى ئۇزۇن، ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمەي داۋاملىق ماڭغاندىلا، تېخىمۇ يىراققا يۈرگىلى بولىدۇ.» چېن چۈنيەن باشتىن - ئاخىر مۇنداق دېدى: «پۇقرالار ئېھتىياجلىق بولغىنى دەل بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى