تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش  بىلىش، ئىشىنىش، ئىشلىتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش  يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا زىچ بىرلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

− ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدا يۈرۈشلۈك ئۇنىۋېرسال بايان

مۇخبىرىمىز چېن چياڭۋېي

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى بىرىنچى تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان 94 تارماق، ئورۇن خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش» ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، ئىشلىتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا زىچ بىرلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش

جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىشقا، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى توغرا ئىگىلەپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نىشانغا توغرىلىنىپ، پائال ئالغا سىلجىتىپ، كۆزلىمە ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار قەتئىي غايە - ئېتىقادى بىلەن ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، ئەسلىدىكى ئۆگىنىش ئاساسىدا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور سىياسەت - فاڭجېنلىرىغا بولغان چۈشىنىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىدىن پايدىلىنىپ ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسى كىتاب ئوقۇش كۇرسىدا ئۆگىنىش قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى قوللىنىپ، باش تېمىنى چۆرىدەپ مەركەزلىك ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس تېمىدا تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، باش تېما تەربىيەسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى يەنە 11 تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسىنى بېكىتىپ، نۇقتىلىق ھالدا 2019- يىلى قالپىقى چۆرۈپ تاشلىنىدىغان نامرات ناھىيەلەر، 65 ئەزا ئورۇننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ۋە مەركەز 6- قېتىملىق كۆزىتىش گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى؛ «ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى <ئەقىل كۆرسىتىش> مۇھاكىمە يىغىنى تۈزۈمى»نى تۈزۈپ ئوتتۇرىغا قويدى، مۇھاكىمە يىغىنى ئارقىلىق «ئەقىل كۆرسىتىپ»، باش تېما تەربىيەسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار باش تېما تەربىيەسىدە ئۆگىنىش ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى تەپتىش خىزمىتىنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسى، ئومۇمىي تەپەككۇرى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. تەپتىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، قائىدە - تۈزۈم تۇرغۇزۇپ، ھەقىقىي تۈردە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەپتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى تۈزۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ غەم - ئەندىشە، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى، غەم - ئەندىشىسىنى تۈگەتتى؛ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <تۆت چوڭ تەپتىش> فۇنكسىيەسىنى تولۇق ئادا قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ماسلاشتۇرۇش، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش، مەدەت بېرىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»نى تۈزۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش

ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار، غەم قىلىدىغان ئىشلارنى كۈچەپ ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار كەسپىي خىزمەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تۈزىتىش ئارقىلىق، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشنى كۆزلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، ئىشلىتىشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇھىم نۇقتىنى، قىيىن نۇقتىنى تۈزەش، مەسىلە يىپ ئۇچىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تىپىك دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئاشكارىلاش، قائىدە - تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، شەھەر - بازارلاردىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇ ساھەسىدىكى ئاممىۋى ئىجارە ئۆيلەرنى باشقۇرۇش، تەرتىپكە سېلىش - تۈزەش خىزمىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، تەرتىپكە سېلىش - تۈزەش خىزمىتىدە ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى «ھەپتىلىك چولپان»نى باھالاش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسى ئۆگىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسپىي خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلدى. ئالاقە تورى خەۋەر - ئۇچۇر مۇلازىمىتى ئىجازىتى ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورى - ئۇچۇر ئىشخانىسى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئالاقە تورى خەۋەر - ئۇچۇر مۇلازىمىتى ئىجازەت ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈردى. بۇ تۈرلۈك ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، ئىجازەت باشقۇرۇش خىزمىتى ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆستۈرۈپ، قەغەزلىك تەكشۈرۈپ بېكىتىشنىڭ ئېلېكتىرونلۇق تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئاممىنى ئاز قاترىتىپ، سانلىق مەلۇماتلارنى كۆپ قاترىتىش»نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش

بۇ بىر مەزگىللىك ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى قەدىرلەيدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى خىزمەت مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كىچىك ئېغىزدىن قول سېلىپ چوڭ ئىشلارنى قىلىپ، سودا ئىشلىرىدىكى مۇھىم نۇقتىلىق، قىيىن نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش نۇقتىسىدىن 18 تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسىنى بېكىتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى سودا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، سودا ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈرتكە بولۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى باش تېما تەربىيەسىنى ئاياللار بىرلەشمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاياللارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىشنى قانات يايدۇرۇش، ئاياللارنى ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «گۈزەل ھويلا - ئاران» قۇرۇلۇشى، ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قاتارلىق بەش جەھەتنى چۆرىدەپ مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش لايىھەسى تۈزۈپ، «يېتەكلەش، مۇلازىمەت قىلىش، ئالاقە باغلاش»تىن ئىبارەت ئاياللار ئاممىسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى مەقسەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىنى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ كونكرېت ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردە ئاياللارنىڭ كۈچىنى قوشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇشنى چۆرىدەپ 13 تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسىنى بېكىتىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۆزلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قاراتمىلىق قانات يايدۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان قىزغىنلىقىنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى