تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ نەتىجىلىرى مول بولدى

مۇخبىرىمىز جاڭ جىلى

2018- يىلى مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، 240 ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى. كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، بۇ يىل مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 350 مىليون يۈەنگە يېتىشىدىن ئۈمىد بار... 7- ئاينىڭ 7- كۈنى شىنجاڭ بوشىرەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئاشكارىلىغان بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، «پاختا ئىشلەپچىقىرىش چوڭ ناھىيەسى» بولغان شايار ناھىيەسى جېجياڭ ئۆلكىسى جياشىڭ شەھىرىنىڭ كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، پاختا تېرىش ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلغان «يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى چوڭ ناھىيەسى»گە قاراپ قەدەم تاشلاۋېتىپتۇ.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا نەزەر سالساق، شىنجاڭ بوشىرەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە ئوخشاش بۇنداق كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىلىۋاتقان تۈرلەر ھەممە يەردە بار. يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر جەمئىي 24 مىليارد 296 مىليون يۈەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى ئاجراتتى، ئىچكىرىدىكى 4400دىن ئارتۇق كارخانىنى كىرگۈزدى، يولغا قويغان كەسىپ ھەمكارلىق تۈرى 12 مىڭدىن ئاشتى، 2 تىرىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى ئورۇنداپ، نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىدىن 1 مىليون ئادەم قېتىمغا يېقىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ تەسىرى چوڭقۇر، ئۇزاق. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا ماكانلاشقان كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرى نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ «قان ئىشلەپچىقىرىش» ئىقتىدارى ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى.

ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر راۋاجلاندۇرۇلدى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا يول ئېچىلدى

سانائەت گۈللەنسە، ئىقتىساد گۈللىنىدۇ. يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى، بولۇپمۇ 6- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر كەسىپلەرنى كىرگۈزۈش ۋە يېتىلدۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

يېڭىشەھەر ناھىيەسى ئارال يېزىسى لايدانئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئايپاشا ئابدۇرېھىم ۋە شۇ كەنتتىكى ئاچا - سىڭىللار كەنت قۇرغان كارخانا ئېلىپ كەلگەن پايدىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. كەنتتە ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يەرگىلا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى تەس ئىدى. 2017- يىلى، قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى شېنجېن كەسىپلەر باغچىسى شېنجېن شەھىرىدىكى بىر كىيىم - كېچەك پىششىقلاش كارخانىسىنى كەنتكە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇشقا جەلپ قىلدى، ئەسلىدە ئۆيىدە بىكار ئولتۇرغان ئاياللارغا ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىلدى. «مېنىڭ ھازىر ئايدا ئىش ھەققىم بار بولدى، قانچە كۆپ ئىشلىسەم شۇنچە كۆپ ئالىمەن، يەنە چوڭلارنىڭ، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىمغىمۇ تەسىر يەتمەيدۇ» دېدى 7- ئاينىڭ 2- كۈنى ئايپاشا رازىمەنلىك بىلەن.

بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشسا، پۈتۈن ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ. ئاپتونوم رايون نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى باشلىغاندىن كېيىن، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر شىنجاڭغا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭغا يۆتكىلىشنى تېزلەتتى. ئاپتونوم رايونىمىز ئېتىبار سىياسەتلەرنى پائال چىقىرىپ، كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كارخانىلارنى شۇ جايدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى ۋە يېتەكلىدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كارخانىلارنىڭ مەبلەغ، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار، باشقۇرۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرى شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى، بايلىق، سىياسەت قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە قىلىندى، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇندى.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر كەسىپ ئارقىلىق يۆلەش تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىپ، رۇيى گۇرۇھى، گۇاڭشىن توقۇمىچىلىقى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپ تۈرلىرىنى جەلپ قىلىپ ماكانلاشتۇرۇپ، 80 مىڭ ئادەمنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئەنخۇي (سەنشيا) گۇما ناھىيەسى سانائەت باغچە رايونىدا، ئەنخۇي ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى كىرگۈزگەن خوتەن خەيلو شەكىللىك ماتېرىيال چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ماكانلاشقاندىن كېيىن، 200دىن ئارتۇق ئادەمنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن بىر قىسم ئوقۇغۇچىلارمۇ يۇرتىغا قايتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تاللىدى. بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يۈ جاۋيوۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كەسىپ تەرەققىياتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى زورايتىشنىڭ ئاساسى ۋە تايانچى. نۆۋەتتە، شىركەت ئىشلەپچىقارغان شەكىللىك ماتېرىيال مەھسۇلاتلىرى گۇما ناھىيەسىنىڭ ئەشيا ئوبوروتى، ئىشىك - دېرىزە قاتارلىق كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان - چارۋىچىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

ئاقتۇ ناھىيەسىدە، جياڭشى ئۆلكىسى «جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىنى قوللاش چارىسى»نى تۈزۈپ چىقىرىپ، بىۋاسىتە تولۇقلىما بېرىش، قەرز پۇلىغا ئۆسۈم ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئۆز ئۆلكىسىدىكى كارخانىلارنى ئاقتۇ ناھىيەسىگە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى. ھەر يىلى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ جياڭشى ئۆلكىسىدە سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئېچىشىغا ياردەم بەردى، نۆۋەتتە، تەخمىنەن 1 مىليارد يۈەن سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىنىپ، پامىر تىۋىتچىلىكى، كەيشىن دورىگەرلىكى، خۇڭلۈلەن مەتبەئەچىلىكى قاتارلىق كۆپ كارخانا قۇرۇلدى. بۇ يەردە قۇرۇلغان ئاقتۇ ناھىيەسى جياڭشى سانائەت باغچىسى «بىر رايون، ئۈچ باغچە» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ئېشىش قۇتۇپىغا ئايلىنىپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى 3000دىن ئارتۇق دېھقان - چارۋىچىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

تارباغاتاي ۋىلايىتىدە، لياۋنىڭ ئۆلكىسى «بىر ناھىيەدە بىر سىياسەت بولۇش» «بىر كەسىپكە بىر سىياسەت بولۇش» «بىر باغچە رايونىغا بىر سىياسەت بولۇش» «بىر كارخانىغا بىر سىياسەت بولۇش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، دۆربىلجىن، ساۋەن قاتارلىق بەش سانائەت باغچە رايونىنى قۇرۇپ، 35 مىڭ ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە 21 مىڭ ئادەم.

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى قېزىلدى كىرىمنى ئاشۇرۇشقا يول تېپىلدى

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تۈپ ئاساسى كەسىپنى گۈللەندۈرۈشتە. شىنجاڭ ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق چوڭ رايونى بولۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كەمتۈكلۈك مەۋجۇت. كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشى، داڭلىق ماركا بەرپا قىلىش، پىششىقلاش، سېتىش قاتارلىق ھالقا ھەمدە خاس باقمىچىلىقنىڭ ھەممىسىدە چوڭ رول ئوينىدى.

كەلپىن ناھىيەسى گەزلىك بازىرى پاسۇڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئاۋۇت مامۇت گەرچە كىچىكىدىن باشلاپ قوي بېقىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ قوي بېقىشنىڭ پايدىسىنى خۇياڭ قويىنى باققاندىن كېيىن ھەقىقىي بىلدى. 2014- يىلى، خۇجوۋ شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى كەلپىن ناھىيەسىنىڭ سۇ، يەر، ئوت - چۆپ كەمچىل بولۇش، باقمىچىلىق تەننەرخى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇشتەك ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، «ئىككى يىلدا ئۈچ قېتىم كۆپ قوزىلايدىغان» خۇياڭ قويىنى كىرگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خۇجوۋ شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى «كارخانا+بازا+دېھقانلار ئائىلىسى» كەسىپلەشكەن تىجارەت ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، خۇياڭ قويىنى تاپشۇرۇۋالغان نامرات ئائىلىلەرنىڭ قويلىرىنى باقمىچىلىق بازىسىنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىغا بېرىپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن پايدا ئېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى.

2017- يىلى، قايتا - قايتا تەجرىبە قىلغاندىن كېيىن، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يىچۈن شەھىرى پىلاندىن سىرت 7 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سالدى ھەم 7 مىليون 500 مىڭ يۈەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن 10- شى 183- تۇەنىدە يىلىغا 2 مىليون خالتا ئورگانىك قارامور ئىشلەپچىقىرىدىغان زامانىۋى زەمبۇرۇغ ئوراش زاۋۇتى قۇرۇپ، ئورگانىك قارامور ئاساس قىلىنغان يېمەكلىك زەمبۇرۇغ كەسپىنى راۋاجلاندۇردى.

جىلىن ئۆلكىسى «قان بېرىش» ئارقىلىق «قان ئىشلەپچىقىرىش»نى ئىلگىرى سۈرىدىغان كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەندىزىسىدە، سۈپەتلىك ئۇرۇق كىرگۈزۈپ يېتىشتۈرۈش، باھالاش، تەجرىبە قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش، كېڭەيتىش بىر گەۋدىلەشكەن قابا دەرياسى زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كىرگۈزۈش - يېتىشتۈرۈش پەن - تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇپ، كۆممىقوناق، دادۇر، شال قاتارلىق 49 خىل زىرائەتنىڭ 472 سورتىنى سىناق تېرىپ، ئاشلىق ھوسۇلى ئالغىلى ھەم يەم - خەشەك قىلغىلى بولىدىغان يۇقىرى ھوسۇللۇق كۆممىقوناق سورتى − جىدەن 27 ۋە جىدەن 50نى تاللاپ چىقىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىرىكتۈرۈلگەن ئېكولوگىيەلىك چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش شەكلىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، ھەم يەم - خەشەك بېرىپ قوتاندا بېقىشقا كېرەكلىك «چۆپ دۆۋىسى»گە كاپالەتلىك قىلدى، ھەم ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ «گۈرۈچ خالتىسى» غا ئېرىشتى.

سانجىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ تۈرتكىسىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بازار تاپتى. سەنشى ئۆلكىسى بىلەن نىشانلىق ياردەم بېرىلىۋاتقان فۇكاڭ شەھىرى سەنشى - فۇكاڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنىدىن ئوننى ئېچىپ، سەنشى - فۇكاڭ ئىككى جاينىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىشىنى سۇپا بىلەن تەمىنلىدى؛ فۇجيەن ئۆلكىسى كارخانىنى تىجارەت سۇبيېكتى قىلغان، بازارلىشىپ مەشغۇلات قىلىدىغان شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش مەركىزى قۇرۇپ، گۇچۇڭ ئۇنى، مورى نوقۇتى قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆلەملەشتۈرۈپ فۇجيەن بازىرىغا سېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

جېجياڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە «10 شەھەر، 100 دۇكان» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، شەندۇڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە «چوڭ ئامبارنى شەرققە يۆتكەش» ھەرىكىتىنى يولغا قويدى، خېبېي، شاڭخەي، شېنجېن قاتارلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر بەس - بەستە بازار ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن توردا ۋە تور سىرتىدا سېتىش سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى.

ساياھەتچىلىك بوشلۇقى كېڭەيتىلدى تەرەققىياتتا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بار بولدى

كەسىپ ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، يېزا ئىگىلىكىگە ماس كەلسە يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىش، سانائەتكە ماس كەلسە سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىش، ساياھەتچىلىككە ماس كەلسە ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش. نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلار ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش داۋامىدا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزدى.

ساياھەت ئاۋات مەزگىلگە كىرگەندىن كېيىن، پوسكام ناھىيەسىنىڭ بويلۇق تاجىك يېزىسى بويلۇق كەنتىدىكى تۇرغۇن نىياز قاتارلىق پۇقراۋى قونالغۇ تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ سودىسى قىزىپ كېتىپ، تۇغقانلىرىنى ياردەمگە چاقىردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پوسكام ئالتۇن توغراق مەنزىرە رايونىنىڭ ئەتراپىدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ساياھەتچىلىك ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشى ئۈچۈن، شاڭخەي شەھىرى يول بويىدىكى تاجىك ئۆرپ - ئادەت بازىرىنى پىلانلاپ قۇرۇشتىن، شاڭخەي چىدې ھەممىباب ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى كىرگۈزۈپ تۆۋەن بوشلۇق ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقىچە، ئالتۇن توغراق مەنزىرە رايونىنى دېھقان - چارۋىچىلارغا بايلىق ئېلىپ كېلىدىغان گۆھەر جايغا ئايلاندۇردى.

كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە خاس ساياھەت بايلىقىنى قېزىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ 1-، 2-، 3- كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

يېقىندا ئاقسۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن چاڭجياڭ دېلتىسى ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ھەم جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش يىغىنىدا، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىدىن كەلگەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرى، ساياھەت كوپىراتىپى سودىگەرلىرى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىرلىكتە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ساياھەت تەرەققىيات چوڭ پىلانىنى تۈزدى.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، خېنەن ئۆلكىسى كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىكىر يولىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ساياھەتچىلەر مەنبەسى ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەندىزىسىنى ئورناتتى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ساياھەت مەخسۇس پويىزى سانى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، 2018- يىلى ساياھەت مەخسۇس پويىزى 69 قېتىم قاتناپ، 44 مىڭ 840 ساياھەتچىنى توشۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

ساياھەتچىلىك تۇرپان شەھىرىنىڭ تۈۋرۈك كەسىپلىرىنىڭ بىرى، خۇنەن ئۆلكىسى تۇرپان شەھىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش جەريانىدا، «كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» «ئىككى باشنى تۇتۇش، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۈچەيتىش»كە ئەھمىيەت بېرىپ، 20 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى سېلىپ، پىلان ئىچىدىكى ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىدىن بەشنى، پىلان سىرتىدىكى تۈردىن ئالتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى بېيىتىش، ساياھەت ئىستېمالىنى كېڭەيتىش جەھەتتە دەل جايىدا كۈچەپ، تۇرپان شەھىرى ساياھىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى