تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلق مەركەز قىلىنغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس سەنئەت نادىر ئەسەرلىرىنى يارىتىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

خەلق مەركەز قىلىنغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس سەنئەت نادىر ئەسەرلىرىنى يارىتىش كېرەك

مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، 7- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايوننىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىنى گۈللەندۈرۈش سۆھبەت يىغىنى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتى توغرىسىدىكى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، ھازىرقى ئەھۋالنى ئورتاق تەھلىل قىلىپ، تونۇش، تەسىرات ئالماشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىدە ئۈزلۈكسىز نادىر ئەسەرلەرنىڭ يارىتىلىشىغا تۈرتكە بولدى، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى توغرىسىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش»تىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك مەدەنىيەت تىرىكى ۋە مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى خەلق مەركەز قىلىنغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى، جۇڭگو ئارزۇسى قاتارلىق باش تېمىلارنى زىچ چۆرىدەپ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەتكە بولغان كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىل ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشى كېرەك. «خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش، تۇرمۇشقا چۆكۈش»تىن ئىبارەت بۇ ئەڭ تۈپ، ئەڭ ئاچقۇچلۇق، ئەڭ ئىشەنچلىك ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى پۇختا ئىگىلەپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئاممىسى ياقتۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشى كېرەك. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، 12 مۇقام قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە بىر تۈركۈم نادىر سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئىجاد قىلىشى ۋە يارىتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئەخلاق ۋە سەنئەتتە كامالەتكە يېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىلغار مەدەنىيەت تارقىتىپ، كىشىلەر ئارىسىدىكى توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك شەكىل ۋە مەزمۇن ئارقىلىق سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش كېرەك. ئەدەبىيات - سەنئەت نادىر ئەسەرلىرى ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئۇزاق يىل تاۋلىنىشتەك قەيسەر، كۈچلۈك ئىرادە بىلەن، باشقىچە خىياللاردا بولماي، زېھىننى يىغىپ، يەڭگىلتەكلىك پىسخىكىنى يېڭىپ، قول ئۇچىدا ئىشلەشكە قارشى تۇرۇپ، قېتىرقىنىپ ئىجاد قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تۈزىتىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، نامى ياڭراق، تارقىلالايدىغان، ساقلاپ قېلىشقا بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىگە غەمخورلۇق قىلىپ، ھەر مىللەت سەنئەتكارلارنىڭ سەنئەتكە بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كاپالەت ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيەت ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز گۈللەندۈرۈشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى