تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

تېرىڭىز ئاپتاپتا كۆيسە دەرھال سوغۇق سۈت چاپلاڭ

  ئاپتاپتا كۆيگەندىن كېيىنكى 72سائەت تېرىنى «جىددىي قۇتقۇزۇش»نىڭ «ئالتۇن» ۋاقتى

  ـــــ جۇڭنەن داشۆسى شياڭيا دوختۇرخانىسى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋراچى جاڭ جياڭلىن

  ئادەم بەدىنىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماي، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان چاغدا تېرە ئاپتاپتا كۆيۈپ زەخمىلىنىدۇ. تۇرمۇشتا، تېرىسى ئاق كىشىلەر ئاسانلا كۆيىدۇ؛ تېرىسى قارا كىشىلەرنىڭ قارا پىگمېنتى كۆپ بولغاچقا، مۇداپىئە ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، تېرىسى ئاسانلىقچە زىيانغا ئۇچرىمايدۇ، قېرىمايدۇ.

  تېرىنىڭ ئاپتاپتا كۆيۈپ زەخمىلىنىشىنىڭ ئۈچ باسقۇچى بار. دەسلەپكى باسقۇچتا تېرە قىزىرىدۇ، قىزىيدۇ؛ ئوتتۇرا باسقۇچتا تېرە بەكرەك قىزىيدۇ، سانجىپ ئاغرىيدۇ؛ ئەڭ ئاخىرىدا بولسا تېرە تاشلايدۇ. تېرە ئاپتاپتا كۆيۈپ زەخمىلەنگەندىن كېيىن جىددىي بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، ئەگەر مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا، ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ، ئاپتاپ دېغى پەيدا بولۇپلا قالماستىن، يەنە تېرە سەزگۈرلىشىش، قورۇق پەيدا بولۇش، بالدۇر قېرىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. ئاپتاپتا كۆيۈش قېتىم سانى قانچە كۆپ بولسا، زەخمىگە ئۇچراش شۇنچە ئېغىر بولىدۇ. جەمەت ئىرسىيەت خاراكتېرلىك تېرە كېسىلى بارلار قايتا-قايتا ئاپتاپتا كۆيسە ئاسانلا تېرە راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.

  ئاپتاپتا كۆيۈپ زەخمىلەنگەندىن كېيىنكى تېرىنى تېز سۈرئەتتە ساقايتىش ئۈچ تەرەپكە باغلىق بولۇپ، بىرى كەم بولسا بولمايدۇ: تېرىنىڭ ساغلاملىق دەرىجىسى ۋە تەبىئىي ساقىيىش ئىقتىدارى؛ ئاپتاپتا كۆيۈپ يارىلىنىشنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى؛ ئاپتاپتا كۆيگەندىن كېيىنكى پەرۋىش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولۇش - بولماسلىقى.

  ئاپتاپتا كۆيگەندىن كېيىنكى 6~8 سائەت ئىچىدە توغرا ئاسراش ئېلىپ بارغاندا، تېرىنىڭ قارىداپ كېتىش، قۇرغاقلىشىش ياكى ئاپتاپتا زەخمىلىنىش پۇرسىتىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ. بۇ يەردە سوغۇق سۈتنى «چاپلاپ» بېرىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، سۈتنىڭ ياللۇغنى قايتۇرۇپ ئورگانىك توقۇلمىلارنى قورۇش رولى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسانلىقچە رېئاكسىيە قىلمايدۇ، دەسلەپكى باسقۇچتىكى ئاپتاپتا  يېنىك كۆيۈشنى پەسەيتىش ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى. بۇنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى: سۈتنى توڭلاتقۇنىڭ ℃4 تىن ℃10 ئەتراپىدىكى سوغۇق ساقلاش بۆلمىگە سېلىپ، سوۋۇتقاندىن كېيىن، پاكىز لۆڭگە ياكى داكىنى ئۇنىڭغا چىلاپ، تامچىلاپ ئاقمايدىغان ھالەتكە ئەكېلىپ، ئاپتاپتا كۆيۈپ كەتكەن تېرىگە چاپلىساق بولىدۇ. ئاپتاپتا كۆيگەن جاينىڭ كۆلىمى چوڭ بولغاندا، لۆڭگىنى بەش مىنۇتتا بىر قېتىم سۈتكە چىلاپ، 30 مىنۇتتىن 60 مىنۇتقىچە چاپلاپ، كۈندە 3~2 قېتىم، ئۈچ كۈن ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرغاندا، ئاپتاپتا كۆيۈپ  زەخمىلەنگەن تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

  ئاپتاپتا كۆيگەندىن كېيىنكى 72 سائەت تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى «ئالتۇن» ۋاقىت بولۇپ، ئاپتاپتا كۆيۈش دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان تېرىگە قارىتا ئوخشاش بولمىغان ئاسراش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ. بۇنىڭدىكى مۇھىم نۇقتا سۇ تولۇقلاش، ئاقارتىش ياكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئاپتاپتا كۆيۈشتىن ئىلگىرىكى ھالەتنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش. بۇ مەزگىلدە ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم سۇ تولۇقلاش كېرەك. مەسىلەن، تۇمانلىتىپ سۇ تولۇقلاش رېياكتىۋىنى ئىشلىتىش كېرەك. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرى تېرىگە چۈشكەندىن، سۇنىڭ ئېقىپ كېتىشى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، تېرىدە سۇ كەم بولۇش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېرىنىڭ دالدىلىنىش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ، تېرىنىڭ نۇرغا سەزگۈر بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، ئۇلتىرا بىنەشپە نۇرنىڭ چۈشۈشىدىن ھاسىل بولغان ئوكسىگېن ئەركىن رادىكالىنى تازىلاش كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا ئۇ نورمال ھۈجەيرىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ يەردە يەنە ۋىتامىن E ۋە ۋىتامىن Cنى تولۇقلاشنى تەۋسىيە قىلىمىز. جىددىي قۇتقۇزۇش مەزگىلىدە ۋىتامىن E كۇمىلىچىنى كېسىپ، دائىم ئىشلىتىلىدىغان تېرە سىلىقلاش سۇيۇقلۇقىغا ئارىلاشتۇرۇپ، ئىككىسىنى تولۇق ئارىلاشتۇرىمىز، ئاندىن ئاپتاپتا كۆيۈپ زەخمىلەنگەن ئورۇنغا بىۋاسىتە سۈركەيمىز. بۇ تېرىنىڭ قىزىرىش، زىيادە سېزىمچانلىقتىن نورمال ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى