7- ئاينىڭ 11- كۈنى فاڭ شۇيۈن بىر تال ماۋجۇ بامبۇكى ئۈستىدە تۇرۇپ، شىنئەنجياڭ دەرياسىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 54 ياشلىق جېجياڭ جيەندېلىق دېھقان فاڭ شۇيۈن بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپلا بىر تال ماۋجۇ بامبۇكى ئۈستىدە تۇرۇپ دەريادىن ئۆتۈش ماھارىتىنى مەشىق قىلىشقا باشلىغان، ئۇ يەنە ماۋجۇ بامبۇكى ئۈستىدە يەر بېغىرلاش، سەكرەش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلالايدىغان بولۇپ، سۇ يۈزىدە «تۈز يەرگە دەسسىگەندەك» تۇرالايدىكەن.