تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

ئۇچتۇرپان ناھىيەسى: بۆلجۈرگەن دېھقانلارنىڭ بېيىش مېۋىسىگە ئايلاندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر نيۇ خەييەن): «خېرىدارلار ئۆزلىرى بۆلجۈرگەن ئۈزگىلى كەلدى، نۆۋەتتە مەن 15 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم، بۆلجۈرگەن بازاردىن تۈگىگىچە تەخمىنەن يەنە 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ساتالايمەن، بۆلجۈرگەن بىزنىڭ بېيىش مېۋىمىز بولۇپ قالدى.» 6-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئوتبېشى يېزىسى يار قوتان كەنتىدىكى 73 ياشلىق دېھقان تۇنىساخان راخمان شۇنداق دېدى.

   ئادەتتە، بۆلجۈرگەن پارنىكتا تېرىلاتتى، ئېتىزدا بۆلجۈرگەن تېرىيدىغانلار ناھايىتى ئاز دېيەرلىك ئىدى. مۇخبىر يار قوتان كەنتىدىكى بىر دېھقاننىڭ ئېتىزدا بۆلجۈرگەن تېرىپ مول ھوسۇل ئالغانلىقىنى ئاڭلاپ، قىزىقىپ كەنتكە كېلىپ، بۆلجۈرگەن تېرىغان دېھقان تۇنىساخان راخماننى تاپتى.

   بۆلجۈرگەن تېرىش سەۋەبى توغرىسىدا تۇنىساخاننىڭ ئېيتىشىچە، بەش يىل ئىلگىرى تۇنىساخان ئېرى بىلەن بازاردا كېتىۋېتىپ، بىرەيلەننىڭ بۆلجۈرگەن مايسىسى سېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، 50 يۈەن خەجلەپ بۆلجۈرگەن مايسىلىرىدىن سېتىۋېلىپ ھويلىسىدىكى ئۆرۈك دەرىخى ئاستىغا تېكىپ قويغان. ئويلىمىغان يەردىن، تۇنجى يىلىلا بىر ئائىلە كىشىلىرى يېيىشكە يەتكۈدەك بۆلجۈرگەن چۈشكەن. ئىككىنچى يىلى ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن يېڭى ئۈنۈپ چىققان بۆلجۈرگەن مايسىلىرىنى ئايرىپ تىكىپ كۆلىمىنى كېڭەيتكەن، بۆلجۈرگەنلەر ئۆزلىرىگە يېتىپ قالماي، يەنە قولۇم-خوشنا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئاپىرىپ بېرىشكە يەتكەن. شۇنداق قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۆلجۈرگەن تېرىلغۇ كۆلىمى بارغانچە كېڭىيىپ ئىككى موغا يەتكەن، ئويلىمىغان يەردىن، بۇ ئىككى يىلدا بۆلجۈرگەن بازاردىكى تالىشىپ سېتىۋالىدىغان مەھسۇلاتقا ئايلانغان، 2018-يىلىلا ئۇلار 15 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغان.

  كەنت كادىرى ئاقىل جۇماش مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: تۇنىساخان راخمان بىر ئائىلە كىشىلىرى جاپادىن، ھېرىپ-چارچاشتىن قورقمايدۇ، ئىشچانلىقتا كەنتتە داڭقى بار، ھەيدەكچىلىك قىلمىساقمۇ ئۆيدىكى ياڭاق دەرىخى، بۇغدايلارنىڭ پەرۋىشىنى رەتلىك، جايىدا قىلىدۇ. بىز مۇشۇنداق دېھقانلارنى ياخشى كۆرىمىز، ئۇلار ئۆز قولىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ، ئەتراپتىكى دېھقانلارغا ئۈلگە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى