شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قابا ناھىيەسى چىپار بازىرىدىكى چوڭقۇر يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانى كىشىلەر تەرىپىدىن ئالتاي تېغىنىڭ كىندىكىدىكى «ئالتۇن ماكان» دەپ ئاتالغان بولۇپ، چوڭقۇر يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ قابا ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 100 كىلومېتىر، قاناس مەنزىرە رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 كىلومېتىر، قاناس ئايرۇدرۇمى بىلەن بولغان ئارىلىقى 70 كىلومېتىر، ئالتاي ئايرۇدرۇمى، ئالتاي ۋوگزالى بىلەن بولغان ئارىلىقى 260 كىلومېتىر كېلىدۇ. مەنزىرىسى گۈزەل، يىقىشلىق جاي.
ياز پەسلىدە، يېشىل رەڭ بۇ يەرنىڭ ئاساسلىق رەڭگى بولۇپ، خۇددى بىر پارچە چىرايلىق يېشىل گىلەمگە ئوخشايدۇ. بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ساپ، تېمپېراتۇرىسى سالقىن بولۇپ، يازلىق ئارام ئالىدىغان ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ سىم-سىم يامغۇردىن كېيىن، ئىللىق قۇياش نۇرى بۇلۇت قاتلىمىغا چۈشۈپ، يايلاققا نۇر چېچىپ، يورۇق- قاراڭغۇلۇق ئارىلاشقان، گۈزەل ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ، مەيىن شامال يۈزىڭىزنى سىپاپ ئۆتكەندە، يايلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە نەزەر تاشلىسىڭىز، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، يېشىل ئوت-چۆپ، دەل-دەرەخ، كىگىز ئۆي، كىچىك ئېرىقلارنىڭ نەقەدەر گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغانلىقىنى كۆرىسىز، بۇ چاغدا ئۆزىڭىزنى چۈش كۆرۈۋاتقان بولۇشۇم مۇمكىن دەپ ئويلاپ قالىسىز.