تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

كۇچادىن شىئەنگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ): 7-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىئەندىن ئۇچۇپ كەلگەن بىر ئايروپىلاننىڭ كۇچا ئايرودۇرۇمىغا قونۇشىغا ئەگىشىپ، كۇچادىن شىئەنگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان تۇنجى قېتىم قاتناشنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇردى، بۇ كۇچادىن چېڭدۇغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغاندىن كېيىنكى كۇچا ئايرودۇرۇمىدىن شىنجاڭ سىرتىغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان 2-ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ.

  كۇچا-شىئەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدۇ، نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ قاتناش ۋاقتى ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى بولۇپ، ئىككى جاي ئارىلىقىدا پەقەت 3 سائەت 15 مىنۇتلا ئۇچۇش ۋاقتى كېتىدۇ، ئۈرۈمچىدە ئايروپىلان ئالمىشىشنىڭ ھاجىتى يوق.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا ناھىيەسى پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ سىرتىغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى پائال كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى كۇچاغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى. 2018-يىلى، بۇ ناھىيەنىڭ ساياھەتچىلىكى بىرقەدەر تېز ئېشىپ، كۈتۈۋالغان ساياھەتچىلەر بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38.4 ئېشىپ، ساياھەتچىلىك كىرىمى %66 ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش