7- ئاينىڭ 11- كۈنى، جۇڭگولۇق ماھىر ۋاڭ يىدى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە توپ قايتۇرماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 7- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئىتالىيەنىڭ ناپلېستا ئۆتكۈزۈلگەن 30- نۆۋەتلىك دۇنيا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تىكتاك توپ ئاياللار يەككە ئويناش تۈرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ماھىرى ۋاڭ يىدى 0گە قارشى 4 نەتىجىدە سەپدىشى جاڭ رۈينى يېڭىپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى، جاڭ رۈي كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى. مىس مېدالغا ئېرىشكىنى جۇڭگولۇق ماھىرلاردىن فەن سىچى ۋە گو يەن بولدى. (چېڭ تىڭتىڭ فوتوسى)

