2019-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى، بېلىقچىلار تور تاشلاپ بېلىق تۇتماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر چېن خۇالىن): شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى نىلقا ناھىيەسى ئۇلاستاي يېزىسىدا بىر گۈزەل كۆل بار، يەرلىكتىكى كىشىلەر ئۇنى «پاكىز دېڭىز» دەپ ئاتىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ جىرېنتەي سۇ ئامبىرىنىڭ بىر بۇرجىكى. ئۇنىڭدا دېڭىزنىڭ بىپايانلىقى، كۆلنىڭ ھەيۋەتلىكلىكى يوق، ئەمما ئۇ ئۆزىگە خاس ئاجايىپ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە. كەچكى شەپەق نۇرىدا، بىر كىچىك قولۋاق تىنچ كۆل يۈزىدىن ئۆتكەندە، «S» شەكىللىك دولقۇنسىمان سىزىقچىلار پەيدا بولدى، قولۋاقتىكى بېلىقچىلار تور تاشلاپ بېلىق تۇتۇۋاتاتتى، قىرغاقتىكى گۈزەل قىز ئۇسسۇلغا چۈشۈپ ناخشا ئېيتماقتا ئىدى، بېلىقچىلارمۇ ناخشىغا جۆر بولۇپ، يايلاقتىكى سۇ ماكانىنىڭ جەلپكارلىقىنى ئىخچام تەسۋىرلەپ بەردى.