تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 57- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 57- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

مۇشۇ ئاينىڭ 23- كۈنى دائىمىي كومىتېتنىڭ 11- يىغىنىنى ئېچىشنى قارار قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 7- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 57- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئېچىپ، مۇشۇ ئاينىڭ 23- كۈنى دائىمىي كومىتېتنىڭ 11- يىغىنىنى ئېچىشنى قارار قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا دائىمىي كومىتېت 11- يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى ھەم ئورۇنلاشتۇرۇش پىكرى قاراپ چىقىلدى. مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپ قارالمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11- يىغىنىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامى(تۈزىتىلمە لايىھەنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)» قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاش، تۈزىتىشكە سۇنغان «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش، باشقۇرۇش نىزامى»، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامى» ھەم «بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش چارىسى»، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداش نىزامى» تەكشۈرۈلىدۇ.

يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2019- يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2019- يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ خامچوت ئىجراسى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2018- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوت ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم - چىقىمنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى خىزمەت دوكلاتى، 2018 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك نەق چوتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ، 2018- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك نەق چوتى تەكشۈرۈلىدۇ ۋە تەستىقلىنىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2018- يىللىق مۇھىت ئەھۋالى ۋە مۇھىت ئاسراش نىشانىنى تاماملاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنى» ھەم «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئەھۋالى مەخسۇس تېمىدا سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلق زاسېداتېللىرى قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى كۆزدىن كەچۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 2019- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى كۆزدىن كەچۈرۈش دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ كادىرلارنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش تەكلىپ لايىھەسى قاراپ چىقىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، ھەرقايسى خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى