تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ

مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، 7- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەت مەسىلىسىنى زور كۈچ سەرپ قىلىپ ھەل قىلىپ، تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساياھەت كەسپى سۇبيېكتىنى زورايتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە ساياھەت مۇھىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نامايان قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل ئۈرۈمچى ناھىيەسى يىپەك يولى مەدەنىيەت كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ ئەتراپىدا 10 مىڭ مو گۈلزارلىق مەنزىرىسى بەرپا قىلىپ، ھەم ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ھەم ھەقىقىي مەنزىرىلىك ئويۇن قويۇش مەركىزى، ئۆزگىچە كىچىك بازار قاتارلىقلارنى ساياھەت توپلانغان رايون قىلىپ شەكىللەندۈرۈپ، چېچەك مەزگىلىدە ساياھەتچىلەرنى كۈندۈزدە گۈل سەيلىسى قىلىدىغان، كەچتە ھەقىقىي مەنزىرىلىك نومۇرلارنى كۆرىدىغان قىلىپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. شۆھرەت زاكىر مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ ساياھەت بايلىقى مول، ساياھەت بايلىقى ئومۇمىي مىقدارى زور، تۈرى كۆپ، خىللىرى ئەلا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى ناھىيەسى چوڭ نەنسەن خەلقئارا ساياھەت رايونى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، قار - مۇز تەنھەرىكىتى، ئېكسپېدىتسىيە، بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئىستىراھەت - دەم ئېلىش قاتارلىق نۇرغۇن كەسىپ ھالىتى بىر گەۋدە قىلىنغان خاس كىچىك بازارغا تايىنىپ، پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكى قۇرۇلۇشىدا بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇنىڭدىن كېيىن ئېسىل مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك خوتنى يۇقىرىلىتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتنى سىرتقا تەشۋىق قىلىش نام كارتىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى ناھىيەسى پۇقراۋى قونالغۇ كەسپىنى پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تۇتقا، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا كۈچ قوشۇشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر قىلىپ، سىياسەت چىقىرىپ، پۇقراۋى قونالغۇ كەسپىنىڭ گۈزەل بايلىقنىڭ گۈزەل ئىقتىسادقا ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى موتور، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلىنىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى. ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ خاس پۇقراۋى قونالغۇ نۇقتىسىدا، شۆھرەت زاكىر ھازىرقى تىجارەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرىغا ئېكولوگىيە مەدەنىيىتى، مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتىنى قېزىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى، ئادىمىيەت مۇھىتى، تەبىئىي مۇھىتنىڭ ئورگانىك يۇغۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، گۈزەل يېزا - كەنتلەرنى «گۈزەل ئىقتىساد»قا ئىگە قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تاپىلىدى.

شۆھرەت زاكىر يەنە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى، چىفاڭ كوچىسى ئىجادىيەت كەسىپلىرى توپلانغان رايونى، ئۈرۈمچى چوڭ بازار مەنزىرە رايونىغا كېلىپ، تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلىشى، كارخانىلارنىڭ تىجارىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەم ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «يۇقىرى دەرىجىلىك، خاس، ئېسىل» ئورۇندا چىڭ تۇرۇپ، ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ھەم رايون خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قېزىش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېشىل تەرەققىيات، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى بۇرچ، يېڭى مەسئۇلىيەت، يېڭى نەتىجە ئارقىلىق، مەدەنىيەت مۇھىم ئامىلى بىلەن ساياھەت بايلىقىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى چوڭقۇر يۇغۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش