تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«تۈزىتىش»نى باشتىن - ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈپ تۈزىتىش−ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇرلاشتۇرۇش

− ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدا يۈرۈشلۈك ئۇنىۋېرسال بايان

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن

«<ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> باش تېما تەربىيەسىدە، بىز خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى مەخسۇس تۈزەشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چىڭىتىپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەردىن تۇتۇش قىلىپ، نازارەت قىلىش بىرىنچى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئاشكارا تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش ۋە نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىققا تارتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان <مىتە>لەرنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۈزۈل - كېسىل تەكشۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئاممىغا ئىستىلنى توغرىلاش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئەتراپىدىلا ئىكەنلىكىنى، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنىڭ ئەتراپىدىلا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي تۈزىتىش نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمىز» دېدى 7- ئاينىڭ 8- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى پارتىيە ئىستىلى - ھۆكۈمەت ئىستىلى نازارەتچىلىك ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قۇربانجان يۈسۈپ.

باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش - ئېرىشەلمەسلىكتە، جەزمەن مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئاساسلىق تەكشۈرۈش ئۆلچىمى قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايوندىكى بىرىنچى تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان تارماقلار، ئورۇنلار «تۈزىتىش»نى باشتىن - ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىش، دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىلىرى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى سىنىدى.

تۈزىتىش نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئالدىنقى مەزگىللىك چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى مەسىلىلەرگە قارىتا، يېتەرسىزلىكلەرنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، مائارىپ، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش، يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش، كاپالەتلىك تۇرالغۇ، تەبىئىي بايلىق قاتارلىق ئون خەلق تۇرمۇشى ساھەسىنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، 23 تۈرلۈك ۋەزىپە تىزىملىكىنى تۇرغۇزدى. داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدە، تېببىي دورا سېتىۋېلىش - سېتىش ۋە داۋالاش مۇلازىمىتىنى چۆرىدەپ، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش قاتارلىق مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق تۈزىدى؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ساھەسىدە، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشنى چۆرىدەپ، قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى يېۋىلىش، ئېلىۋېلىش، قىسىۋېلىش، تەلەپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تۈزىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نازارەت قىلىدىغان ئورۇنلار ۋە مەسئۇل ئورۇنلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنىڭ پۇختا ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەش، خەلق ئاممىسى ئىنكاس قىلغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتە تۈرمۇتۈر تۈزەپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت، ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈزىتىش ۋاقىت چېكىنى بېكىتىپ، مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى دەل جايىدا تۈزىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

تۈزىتىش مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلەندۈرۈلدى

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەشنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، «يۈزەكى كۆزىتىش، يۈزەكى ئىش قىلىش، تۈگىمەس ھۆججەت، ئۈزۈلمەس يىغىن، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلىمەسلىك، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا كۆزلەش، يۈزەكى ئىشلەش، بېشى بار، ئايىغى يوق ئىش قىلىش، بېشىدا چىڭ بولۇپ، ئاخىرىدا بوشاپ قېلىش، مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ، قۇرۇق تالاش - تارتىش قىلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق، قورقۇنچاقلىق قىلىش، قىيىنىغا تېگىش قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق» قاتارلىق مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ، نۇقتىلىق تۈزەپ، مەسىلە تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي يۈكسەكلىك جەھەتتىن پەرقنى تاپتى، ئىدىيە چوڭقۇر قاتلىمىدىن مەنبەنى تاپتى، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە يېتەرسىزلىكلەرنى تاپتى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش جەھەتتە كەمچىلىكلەرنى تاپتى.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت تۈرىنىڭ ھەممىسى ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىغا كىرگۈزۈلدى، توردا بېجىرىلىش نىسبىتى %100كە يەتتى. ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قاتتىق تۇتۇش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكى يېنىكلىتىلدى، مەمۇرىيەت ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى، ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇچۇر تېخنىكىسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى لېي بېنلى مۇنداق دېدى: «بىز مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىش يولىنىڭ راۋان بولماسلىقىغا قارىتا، ھەر ئايدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسىلە، تەكلىپ، ئېھتىياجنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمەت مېخانىزمىنى ۋاقتىدا ئورناتتۇق؛ دېلو سانلىق مەلۇماتلىرىنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىشكە قارىتا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتىش توغرىسىدا بەلگىلىمە تۈزۈپ چىقتۇق؛ دەۋا مۇلازىمەت يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئالاقە تورىدا دېلو تۇرغۇزۇش سۇپىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكە باشلىدۇق؛ ماجىرانى كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئالاقە تورى خەلق سوت مەھكىمىسى مۇرەسسە سۇپىسىنى ئىشلىتىپ، خەلق ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلىش، سوت قىلىپ ئىجرا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش، ئەدلىيە باشقۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش، پاك ئەدلىيە ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق».

تۈزىتىش نەتىجە - ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى ۋە پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى، ھەرقايسى پارتىيە باش ياچېيكىلىرى (ياچېيكا) ۋە ياچېيكا ھەيئەتلىرى كونكرېت تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، مەركەزلىك تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، دەرھال ھەرىكەتلىنىپ دەرھال تۈزىتىش، دەرھال تەكشۈرۈپ دەرھال تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەكشۈرۈش - كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تۈزىتىشنى تېزلىتىشكە چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، جايىدا تۈزىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بەنگۇڭتىڭنىڭ «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش» ئىقتىدار سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆستۈردى.

شىنجاڭ تەمىنات - سودا سېلىنما (پاي كونترول) گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومى بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش قىلىپ قايتا ئويلانغان مەسىلە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەسىلە، كۆزىتىپ تېپىپ چىققان مەسىلە، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلە، كۆزىتىشكە ئاساسەن قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلە قاتارلىقلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ، تۈرلەر بويىچە تۈزەپ، مەسىلىگە قارىتىپ، ئىنچىكە، تەپسىلىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىڭ كۆزلەپ قويۇپ بەرمەي، دەرھال ھەرىكەتلىنىپ تۈزەپ، قەرەلىدە تۈزەپ، بىرمۇبىر دەل جايىدا تۈزەتتى.

قەدەم پۇختا ئېلىنمىسا، چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ؛ راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولغاندا، ياخشى نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ. باشتىن - ئاخىر قەتئىي، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش روھى، قىيىنىغا تېگىش قىلىش خىزمەت پوزىتسىيەسى بىلەن تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتقاندىلا، چوقۇم ئۆگىنىش، تەپەككۇر قىلىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىنچىكە، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى