تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

باشلامچىلىق بىلەن «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى باش ۋەزىپە قىلايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

خىزمەت جايلاردا، ئاچقۇچ مەركەزدە. «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەمىزنىڭ مۇھىم، زور سىياسىي نەتىجىسى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىسى، پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسى.

«باشلامچىلىق بىلەن <ئىككىنى قوغداش>نى ئىشقا ئاشۇرۇش مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى باش ۋەزىپە.» مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلغاندىلا، ئاندىن مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ سىياسىي ئورگان بولۇشتەك روشەن خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىغىلى بولىدۇ، دەپ تەكىتلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، تارىخ بىلەن رېئاللىق، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت، دۆلەت ئىچى بىلەن خەلقئارانىڭ بىرلىشىشى جەھەتتە تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى ئۈزلۈكسىز تاۋلاپ، باشلامچىلىق بىلەن «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاڭلىقلىق، قەتئىيلىكنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئالدى بىلەن سىياسىي ئورگان، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىكى بىرىنچى سەپ. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ گەرچە ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت ئىش تەقسىماتى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ھەممىسى نوقۇل كەسپىي ئورگان ئەمەس، ھەممىسى روشەن سىياسىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، جەزمەن سىياسىي ئورگان ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باشلامچىلىق بىلەن «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى باش ۋەزىپە قىلىشى كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار، بولۇپمۇ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار، بىرىنچى قوللار خىزمەت ئىشلىگەندە ئالدى بىلەن ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرى بىلەن ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، سىياسىي مەيداننى چىڭىتىپ، سىياسىي پوزىتسىيەنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، دائىم پەرقلەرنى تۈزىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشەببۇس قىلغانغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قارار قىلغاننى قەتئىي ئۆز پېتى بېجىرىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چەكلىگەننى قەتئىي توسۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

باشلامچىلىق بىلەن «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، نېگىزدىن ئېيتقاندا پارتىيەگە سادىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. سادىق بولۇش جەزمەن پارتىيەگە بولغان ئېتىقادقا سادىق بولۇشتا گەۋدىلىنىشى، پارتىيە تەشكىلاتىغا سادىق بولۇشتا گەۋدىلىنىشى، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىگە سادىق بولۇشتا گەۋدىلىنىشى كېرەك. پارتىيەگە سادىق بولۇش ئابستراكت ئەمەس، بەلكى كونكرېت بولىدۇ، شەرتلىك ئەمەس، بەلكى شەرتسىز بولىدۇ. «ئىككىنى قوغداش»نى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ھەرىكىتىدە گەۋدىلەندۈرۈش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئاداش قىلىش، ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىدە گەۋدىلەندۈرۈش، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ كۈندىلىك سۆز - ھەرىكىتىدە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتە، پارتىيەگە سادىق بولۇش تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قىزىل بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەدەنىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

باشلامچىلىق بىلەن «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ھەم يۈكسەك ئەقلىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى، ھېسسىيات جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك، ھەم قەتئىي قوغداش ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارى بولۇش كېرەك. سىياسىي ئىرادە ۋە سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشتە، ئۆگىنىشكە تايىنىش، تېخىمۇ مۇھىمى سىياسىيدا پىشىپ يېتىلىش ۋە ئەمەلىيەتتە چېنىقىشقا تايىنىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ھەرگىزمۇ ئاسانلا، داقا - دۇمباق چېلىپلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىشتە، كۈرەش روھى بولمىسا بولمايدۇ. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كۈرەش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتە باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا ماھىر بولۇشى، پۈتۈن كۈچى بىلەن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك؛ ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار كادىرلارنىڭ كۈرەش ئەمەلىيىتىدە بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆرمىگەننى كۆرۈپ، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، بېلىنى رۇسلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىكى سىياسىي ئىرادىسى ۋە سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك.

بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزملىق پارتىيە بولۇشىدىكى تۈپ تەلەپ. يادرونى ھىمايە قىلىدىغان، يادروغا ئەگىشىدىغان، يادرونى قوغدايدىغان ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، باشتىن - ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، قەدەمنى بىردەك ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تېگىشلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى