تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ھەقىقىي، ئەمەلىي تۈزىتىش ئىنچىكە، تەپسىلىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش

جاۋ جىيۈن

بىر ئۈلۈش ئورۇنلاشتۇرما، توققۇز ئۈلۈش ئەمەلىيلەشتۈرۈش. تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشتا، «تۈزىتىش»نى ئاچقۇچ، «ئەمەلىيلەشتۈرۈش»نى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلەشنى بىرلەشتۈرۈش، تەكشۈرۈش بىلەن تۈزىتىشنى تۇتاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى بىرمۇبىر تۈزىتىپ، ئىشلارنى بىرمۇبىر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىدە پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشتا مۇھىمنىڭ مۇھىمى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەردىن تۇتۇش قىلىپ، تۈزىتىش، ھەل قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش.

تۈزىتىش تەدبىرىنى مەسىلىگە قارىتىپ، ئىنچىكە، تەپسىلىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. كونكرېت مەسىلىلەرنى كونكرېت تەھلىل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نىشانلىق تۈزىتىش كېرەك. ھازىر تۈزەتكىلى بولىدىغانلىرىنى دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىپ، بىلگەن ھامان تۈزىتىپ، ۋاقىت چېكى ۋە تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قەرەلىدە، جايىدا تۈزىتىش كېرەك؛ ۋاقتىنچە ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىرىنى چىڭ كۆزلەپ قويۇپ بەرمەي، تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، باسقۇچ، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىجىل تۈزىتىش كېرەك.

كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئۆزىگە تەتبىقلاپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىگە تەتبىقلاپ، خىزمەتكە تەتبىقلاپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن بىرمۇبىر تۈزىتىپ، تۈرمۇتۈر ئالغا سىلجىتىپ، «دەۋر ئىمتىھان قەغىزى»گە ياخشى جاۋاب بېرىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى