تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى نىشانلاش  كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۈي

نامرات ئاھالە ۋە نامرات رايونلارنى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە كىرگۈزۈش پارتىيەمىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى. بۇ ۋەزىنلىك ۋەدە شىنجاڭ تۇپرىقىدا تېزدىن رېئاللىققا ئايلانماقتا. بۇنىڭ بىلەن تەڭ چاقنىغىنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىغا چىن كۆڭلىدىن قىلغان ياردىمى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سىيماسى بولدى.

مەبلەغ تۈرى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە كۈچەش

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، بولۇپمۇ 6- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدىن بۇيان، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى باش ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

قومۇل شەھىرىدە، خېنەن ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش نامراتلارنى يۆلەش توققۇز تۈرلۈك ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، شۇ جايدىكى نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ قالپاقنى چۆرۈپ تاشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى. 2010- يىلىدىن بۇيان، خېنەن ئۆلكىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش جەھەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىدىن جەمئىي 98نى ئورۇنلاشتۇرۇپ، 1 مىليارد 350 مىليون يۈەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنى ئەمەلىيلەشتۈردى.

ئالتاي ۋىلايىتىدە، خېيلۇڭجياڭ، جىلىندىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنى نۇقتىلىق ھالدا خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چۆرىدەپ نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتتى. ئىككى ئۆلكە جەمئىي 1 مىليارد 364 مىليون يۈەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا ئىشلەتتى.

قەشقەر ۋىلايىتىدە، 2016- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە شۇ جايدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىدىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئىشلىتىلگەن مەبلەغ ئايرىم - ئايرىم 3 مىليارد 180 مىليون يۈەن، 3 مىليارد 940 مىليون يۈەن، 4 مىليارد 40 مىليون يۈەنگە يېتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قوللاش سالمىقى روشەن ئاشتى.

...

تۈركۈم - تۈركۈم مەبلەغ، تۈركۈم - تۈركۈم تۈر، ئارقا - ئارقىدىن كۈچ ئۇلاش. 2010- يىلىدىن بۇيان، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ كۈچلۈك قوللىشى شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشىغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

«پۈتۈن مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر ئىچىدىكى بىردىنبىر پىلانى ئايرىم شەھەر بولغان شېنجېن شەھىرى نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىنى قوللاشنى مەركىزىي خىزمەت قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كەڭ دائىرىدە كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى» دېدى شېنجېن شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى يۈەن فۇيۇڭ.

ئۈچ ئاي ئىلگىرى، ئون نەچچە تۇياق قوتاز موزىيىنىڭ كەينى - كەينىدىن تۇغۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شېنجېن شەھىرى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە قانات يايدۇرغان قوتازنىڭ نەسلىنى ياخشىلاش تۈرى يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ قوتاز كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا پائال رولىنى جارى قىلدۇردى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، شېنجېن شەھىرى بۇ ناھىيەنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «دەل جايىدا بولۇش+ئۇزاق ئۈنۈم، ئېكولوگىيە+پەن - تېخنىكا» ياردەم بېرىش - يۆلەش تەپەككۇر يولىنى بېكىتىپ، چارۋىچىلىق، ساياھەت قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شۇ جايدىكى نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتقان.

ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلار، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلاردا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىدا مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىندى. بۇ مۇھىم نۇقتىنى نىشانلاپ، بېكىتىلگەن نىشانغا قاراپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ياردەم بېرىش، يۆلەش قەدىمى پۇختا، ساغلام ھەم كۈچلۈك بولدى.

دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش

كۆپ تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش

لوپ ناھىيەسىنىڭ دول يېزىسى سېرىق كەنتى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كۈچىنىڭ قوللىشىدا، كەنتتىكى بىر كۆلچەكتىن پايدىلىنىپ ئېكولوگىيەلىك غاز بېقىش بازىسى قۇردى. نامرات ئاھالە ئابلەھەت قادىر بازىدىن غاز چۈجىسى ئېلىپ كېلىپ ئائىلىسىدە باقتى، ئىككى ئايدىن كېيىن كەنتتىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپى سېتىۋالدى، يېرىم يىل ۋاقىتتا ئۇ 3000 يۈەن كىرىم قىلدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن كەنتتىكى 130دىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسى غاز چۈجىسى بېقىپ قەرەللىك سېتىپ بېرىشكە قاتناشتى، ھەربىر ئاھالىنىڭ ئوتتۇرىچە پايدىسى 1000 يۈەندىن ئاشتى.

ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە 32 نامرات ئاھالىنى كوپىراتىپقا كىرگۈزدى، باقمىچىلىق پايدىسىدىن باشقا، ھەربىر ئاھالىگە ھەر يىلى 1000 يۈەن ئەتراپىدا پايدا تەقسىم قىلىپ بەردى. غاز باققاندىن كېيىن، ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە كەنتتىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئەتراپتا دېھقانلار ئارامگاھىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەردى، ئاشپەزلىكنى بىلىدىغان ئابدۇرازاق ئابدۇللا دېھقانلار ئارامگاھىدا ئاشپەز بولدى. «ئاۋات مەزگىلدە ھەر كۈنى 300 - 200 ئادەم بۇ يەرگە كېلىپ تاماق يەيدۇ» دېدى ئۇ.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتتى. ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ تۈر، مەبلەغ قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، باشقا جايغا كۆچۈرۈپ نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

جېجياڭ ئۆلكىسى ئاقسۇ ۋىلايىتىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش «10 شەھەر، 100 دۇكان» قۇرۇلۇشىنى يېڭىلىق يارىتىپ ئالغا سىلجىتىپ، جېجياڭ ئۆلكىسىدە 410دىن ئارتۇق سېتىش تېرمىنالى قۇرۇپ، ئاقسۇنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى جەمئىي 100 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ساتتى، قۇرۇلۇش بازىسى 114 مىڭ دېھقاننى قاپلاپ، 22 مىڭ 600 نامرات ئاھالىنى ياردەم بېرىپ يۆلىدى.

تيەنجىن شەھىرى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يېتەكچىلىك قىلغان، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە پاي قوشقان «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش+كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى+بېيىش ماھىرى+نامرات ئاھالە» بىرلەشكەن نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، نامرات ئاھالىنىڭ ئۈزۈم قاتارلىق مېۋە - كۆكتات تېرىقچىلىقى، نەسىللىك قوي باقمىچىلىقى قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قوللاپ، كوللېكتىپ ئىگىلىك ۋە ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنىڭ كۆلەم ئېففېكتىنى جارى قىلدۇردى.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر يەنە نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى نامرات ئاممىنى ئىچكىرى جايلارغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئاكتىپ تەشكىللىدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يولى نامراتلارنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان «تېز سۈرئەتلىك يول»غا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، قاتار - قاتار سېلىنغان نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرى كەنتلەردە ماكانلىشىپ، نامرات ئاھالىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىشلەمچىلىك قىلىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى كەڭ سۇپا بىلەن تەمىنلىدى.

بىر قىسىم ياخشى ئۇسۇللار، يېڭى ئەندىزىلەرمۇ ئىجادىي ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قوللىنىلىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىدىكى «ئۈنۈملۈك رېتسېپ»قا ئايلاندى.

شاڭخەي شەھىرى مارالبېشى ناھىيەسىدىكى 71 كەنتتىكى نامرات ئاھالىگە قارىتا پاختا باھاسى سۇغۇرتىسىنى يولغا قويۇپ، نامرات ئاھالىنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشىنى تىرەك كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. جياڭسۇ ئۆلكىسى «قەلبداشلار بېلىتى» نامراتلارنى يۆلەش يېڭى ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، باشلامچى پىششىقلاش ۋە سودا كارخانىلىرى، يېزا ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى نامرات ئاھالىنىڭ مېۋىلىرىنى ئاكتىپ سېتىۋېلىپ، نامرات ئاھالىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە ئىلھاملاندۇردى. شەندۇڭ ئۆلكىسى «ناھىيە بازىرى سانائەت باغچە رايونى+يېزا - بازار كىچىك، ئۇششاق كەسىپلەر باغچىسى+كەنت قۇرغان زاۋۇت+ئائىلىۋى نامراتلارنى يۆلەش سېخى» تۆت دەرىجىلىك بىرلەشمە ھەرىكەت كەسپى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن 26 كارخانىنىڭ 1500دىن ئارتۇق نامرات كەنت ئاھالىسىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

نەتىجە - ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولۇش

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قەدىمى تېخىمۇ مەزمۇت بولۇش

2010- يىلىدىن بۇيان، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كۈچىنىڭ قوللىشى بىلەن، تۇرپان شەھىرىدىكى 18 نامرات كەنت، 20 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئاھالە ئوڭۇشلۇق ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدى ھەم مۇستەھكەملەندى. شېنجېن شەھىرى قەشقەر شەھىرىدە «بىر يېزىدا بىر سىياسەت بولۇش»، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، جەمئىي 52 مىڭدىن كۆپرەك ئادەمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى... گۇرۇپپا - گۇرۇپپا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سانلىق مەلۇماتلىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇشتىكى نەتىجىلىرىنى ئېنىق نامايان قىلىپ بەردى.

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست پۈتۈن مەملىكەتتىكى «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ بىرى، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىدىكى ھەل قىلىش ئەڭ تەس بولغان «ئەڭ قىيىن مەسىلە». شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەرمۇ بەس - بەستە سالماقنى ئاشۇرۇپ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىق يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلىشىغا كۈچ قوشماقتا.

تيەنجىن شەھىرى يېقىنقى ئىككى يىلدا يولغا قويغان 102 تۈر ئىچىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا چېتىشلىق تۈردىن 82سى بار بولۇپ، گۆش قويىنى كۆپەيتىشتىكى «100 كوپىراتىپ، 10 مىڭ ئائىلە»، باغچە رايونىغا سودىگەر چاقىرىشتىكى «100 كارخانا، 10 مىڭ ئاھالە»، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى «100 زاۋۇت، 10 مىڭ ئادەم» قاتارلىق بەش چوڭ قۇرۇلۇشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش ئارقىلىق، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى «قان ئىشلەپچىقىرىش» ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. 2018- يىلى، تيەنجىن شەھىرى چىرا قاتارلىق ئۈچ ناھىيەدىكى 30 مىڭ 399 نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

گۇما ناھىيەسىنىڭ نامراتلىق دەرىجىسى چوڭقۇر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ. بۇ ناھىيە ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىدىن پايدىلىنىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پارنىك، لاپاسنى ئۆزگەرتىش، خاس تېرىقچىلىق، مال چارۋا باقمىچىلىقى، بىخەتەر ئىچىدىغان سۇ قاتارلىق زور بىر تۈركۈم خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، بولۇپمۇ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش، كەسىپلەرنى ئۇلاش، سۇپا بەرپا قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، بىر تۈركۈم ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزۈپ ماكانلاشتۇردى. 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ناھىيە بويىچە تۈرلۈك سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلغان كارخانا جەمئىي 82گە يېتىپ، 5300دىن كۆپ ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ قوللىشىدا، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى نامرات كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. پەقەت 2018- يىلىلا، جياڭسۇ، جياڭشىدىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكە 13 مىڭ 500 ئادەمنى تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش تېخنىكا - ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە 9000دىن كۆپرەك ئادەم نامرات ئاھالە، شۇنىڭ بىلەن بىللە، 2658 نامرات ئاھالىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، «بىر ئادەمنى يۆتكەش، بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، بىر بۆلەككە تۈرتكە بولۇش» ئۈنۈمىگە ئېرىشتى.

2018- يىلى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلاردا 486 مىڭ 200 ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، 444 نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي جەھەتتىن نامراتلىقنى ھەل قىلىشتا مەزمۇت قەدەم تاشلىدى. بۇ، ھەم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «قىيىن ئۆتكەل ئىچىدىكى ئەڭ قىيىنى»غا ھۇجۇم قىلىپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە جەڭنى ھەرگىز توختاتماسلىقتەك ئەجرى ۋە ئېتىقادىدىن كەلگەن، ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس قوللىشى، ياردەم بېرىشى ۋە پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى - يۆلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى كۈچلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، ياردەم بېرىشىدە، شىنجاڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش قەدىمى تېخىمۇ پۇختا بولدى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى