تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

[شىنجاڭ ياخشى جاي] قارلىق دالا، مۇزلۇق تاغ ۋە سۈپسۈزۈك سۇ، رەڭمۇرەڭ گۈللەر ئارىسىدىكى بوغدا كۆلى

بوغدا كۆلىنىڭ تۆت ئەتراپى تاغلار بىلەن ئورالغان بولۇپ، تاغ جىلغىسى، يايلاق ۋە ئورمانلار بىلەن بىرلىشىپ، سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندۈرگەن.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى. 7-ئايدا، شىنجاڭ فۇكاڭ شەھىرى تەۋەسىگە جايلاشقان تىيانشان بوغدا كۆلى ساياھەتچىلىكنىڭ جانلىنىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. «شىنجاڭ ياخشى جاي» شىنخۇا تورى+ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر پۈتۈن تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارەت پائالىيىتى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى بۇ گۈزەل جايغا كىرىپ، ئۇنىڭ ئۆزگىچە جەلپ قىلىش كۈچىنى ھېس قىلدى.

  تىيانشان بوغدا كۆلى يەنە «ياۋچى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تىك 80 كىلومېتىر دائىرىدە تاغ جىلغىسى، يايلاق، ئورمان، قارلىق مۇز تاغ قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىلەر توپلانغان. ماياشەن تېغىغا چىققاندا، كۆپكۆك ئاسمان، سۈپسۈزۈك سۇلار، ياپيېشىل ئوت-چۆپلەر، قارلىق چوققىلار جۇلالىنىپ تۇرغان گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ.

  شىنجاڭ بوغدا كۆلىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە، تىيانشان بوغدا كۆلى كۈتۈۋالغان، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ئېكسكۇرسىيەچىلەر ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 975 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.8 ئاشقان؛ ساياھەتچىلىك كىرىمى 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.8 ئاشقان.

  بوغدا كۆلىنىڭ ئېگىزدىن قارىغاندىكى تولۇق كۆرۈنۈشى.

تاغلار ئارىسىدا يېيىلغان كۆك رەڭلىك كۆل يۈزى خۇددى غايەت زور كۆك ياقۇتقا ئوخشايدۇ.

ماياشەن تېغىغا چىققاندا، ھەم سۈزۈك سۇ، كۆك ئاسماننى، ھەم يىراقتىكى سىرلىق قارلىق مۇز تاغلارنى كۆرگىلى بولىدۇ.

يىراقتا، تىيانشان تاغ تىزمىسىنىڭ شەرقىي بۆلىكىدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا __ بوغدا چوققىسى بۇلۇتلۇق تۇمانلار ئارىسىدا گاھ ئوچۇق گاھ خىرە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

 مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدىكى ساياھەتچىلەر.

ساياھەتچىلەر ياغاچ ئاسما يولغا چىقىپ، بوغدا كۆلى مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانماقتا.

7-ئاي كىرىپ، تىيانشان بوغدا كۆلى ساياھەتچىلىك جانلىنىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. سۈرەتتە: كۆل بويىدا گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىۋاتقان كىشىلەر توپى.

 بوغدا كۆلىدىكى بىر ساياھەت كېمىسى.

جياڭ چياۋلىڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى