تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مائارىپ

كىچىك مۇخبىرلار ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنى زىيارەت قىلدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر سۇڭ داۋيۈ خەۋىرى، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ شياۋخۇڭ فوتوسى): 7-ئاينىڭ 10-كۈنى، شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتىنىڭ كىچىك مۇخبىرلىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى شىمىگۇ رايونلۇق چوڭ ئەترىتىگە بېرىپ، قاتناش قوماندانلىق مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، قاتناش ساقچىلىرىنىڭ كۈندىلىك خىزمەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، قاتناشقا قوماندانلىق قىلىش قول ئىشارىتى ۋە قاتناش بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئۆگەندى.

كۆپچىلىك يۇقىرى پەن-تېخنىكىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش خىزمىتىدىكى قوللىنىلىشىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى. كىچىك مۇخبىرلار چوڭ ئېكران ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھەر كۈنى مەكتەپكە بېرىشتا ئۆتىدىغان يول بۆلەكلىرىنى كۆردى. قوماندانلىق ئىشخانىسىنىڭ ساقچىسى ليۇ جېن كىچىك مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: نۆۋەتچى قاتناش ساقچىسى ھەر كۈنى قوماندانلىق مەركىزىنىڭ چوڭ ئېكرانى ئارقىلىق ھەرقايسى يول بۆلەكلىرىنىڭ قاتناش ئەھۋالىنى كۆزىتەلەيدۇ، ناۋادا قايسى يول بۆلىكىدە قاتناش توسۇلۇپ قالسا ياكى قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، ئۇلار دەل ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىدۇ.

كۈچلۈك قۇياش نۇرى ئاستىدا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، قاتناش تەرتىپىنى قوغداش، ساياھەتچىلەرگە يول كۆرسىتىپ بېرىش... شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تېڭفېي سارىيى يول ئېغىزىدا، كىچىك مۇخبىرلار نەنخۇ ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىسى فەن كەيياڭنى كۆردى. فەن كەيياڭ نەق مەيداندا كىچىك مۇخبىرلارغا قاتناشقا قوماندانلىق قىلىش قول ئىشارىتىنى ئۆگەتكەچ، قول ئىشارىتىنىڭ رولىنى چۈشەندۈردى. كىچىك مۇخبىرلار بۇنىڭغا ناھايىتى قىزىقىپ، قاتناش ساقچىسىدىن كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەندى. «مەن بىلىمەن، بۇ سول تەرەپكە ئەگىلىشكە بېرىلگەن قول ئىشارىتى...» كىچىك مۇخبىر لۇ شىڭجې قاتناش ساقچىسىنىڭ سورىغان سوئالىغا توغرا جاۋاب بەردى.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا، قاتناش ساقچىسى يەنە كىچىك مۇخبىرلارغا قاتناش بىخەتەرلىك تەربىيەسى دەرسى ئۆتۈپ، كۆپچىلىكنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىشقا، ئۆزىنى قوغداشنى ئۆگىنىۋېلىشكە ئەسكەرتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش