تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

باي ناھىيەسى: ئەگمە پارنىك ياساپ، دېھقانلارنى كۆكتات تېرىشقا يېتەكلەش

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ئەمەرجان ھەسەن فوتوسى، خەۋىرى): 7-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسى كانچى يېزىسى دۆڭئېرىق كەنتىدىكى دېھقانلار شوخلا ئۈزمەكتە. بۇ يىل كانچى يېزىسى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، 650 ئەگمە پارنىك ياساپ، دېھقانلارنى كۆكتات تېرىشقا يېتەكلىدى، پەرۋىش ياخشى بولغاچقا، پارنىكتىكى كۆكتاتلار ياخشى ئۆستى، نۆۋەتتە ئىككىنچى قېتىملىق كۆكتاتلار بازارغا سېلىنغان بولۇپ، ھەربىر ئەگمە پارنىكتىن 5000 ~ 7000 يۈەنگىچە كىرىم قىلىش مۆلچەرلەنمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش