تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

لوپنۇر ناھىيەسى داشى شادلىق سۇ دۇنياسى ئېچىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ جىنچېن): 7-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسى بازىرىنىڭ شىمالىدىكى داشى شادلىق سۇ دۇنياسى ئېچىلىپ، نۇرغۇن ئامما بالىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ ئوينىدى. لوپنۇر ناھىيەسى داشى شادلىق دۇنياسى تاماشا قىلىش، قىزىقارلىق پائالىيەتلەر، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان سۇ ئۈستى شادلىق باغچىسى بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 40 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، بىر قانچە چوڭ تىپتىكى سۇ ئۈستى تۈرلەر بار بولۇپ، شۇ جايدىكى ۋە ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەردىكى ئاممىنىڭ سۇ ئويناپ، سالقىندايدىغان ياخشى مەنزىلى بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى