تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

خىزمەت ئەترىتى ياردەمگە كەلدى، سانجى شەھىرى سەنگۇڭ كەنتىدىكى شاپتۇللار ياخشى سېتىلدى

ساياھەتچىلەر شاپتۇللۇق باغنىڭ ئىشىكى ئالدىدا يېڭى شاپتۇللارنى سېتىۋالماقتا. (لياڭ خۇڭتاۋ فوتوسى)

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر لياڭ خۇڭتاۋ، شۈ يى، جاڭ خاۋتۇڭ خەۋىرى): ھازىر، دەل شاپتۇللار مەي باغلاپ پىشىدىغان پەسىل، سانجى شەھىرى سەنگۇڭ بازىرى ئەرگۇڭ كەنتىدىكى تۇتاش كەتكەن شاپتۇلزارلىقتا مەي باغلاپ پىشقان شاپتۇللار كىشىنىڭ يېگۈسىنى كەلتۈرەتتى، بۇ يەرگە شاپتۇل ئۈزۈشكە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يەر سانجى شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ شاپتۇل ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندى.

  «17 مو شاپتۇللۇقىمىزدا زاۋلۇ، سېرىق ئەنجۈر شاپتۇل، رۈيپەن، يىڭگىر قاتارلىق ئون نەچچە خىل سورت بار، پىشىش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ، 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ تاكى جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ ئالدى-كەينىگىچە بولغان ۋاقىتنىڭ ھەممىسىدە شاپتۇللار پىشىپ بازارغا سېلىنىدۇ ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئۈزۈشى ئۈچۈن تەمىنلىنىدۇ» دېدى ئېرگۇڭ كەنتىدىكى شاپتۇلچى دېھقان ئەن جياڭجياڭ.

  ئەرگۇڭ كەنتىنىڭ قۇمساڭ تۇپرىقى شاپتۇل ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىغان بولۇپ، بۇ يەردە كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، مېۋىلەرنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. سانجى شەھەرلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىنىڭ ئەرگۇڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنتكە كېلىپ تۇرغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرىنى مېۋىلىك دەرەخ تىكىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، تەجرىبىلىك دېھقانلارنى تېرىقچىلىق بىلەن يېڭىدىن شۇغۇللانغانلارغا تېخنىكا جەھەتتىن قولمۇ-قول يېتەكچىلىك قىلىشقا، باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىتىشكە تەكلىپ قىلدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئەرگۇڭ كەنتىنىڭ شاپتۇل كۆچىتى ئۆستۈرۈش كۆلىمى مىڭ موغا يېتىپ، پەرۋىش جەريانىدا ئورگانىك بىيولوگىيەلىك ئوغۇت ۋە سېلېن ئوغۇتى ئىشلىتىلدى، يېشىل تېرىقچىلىق، ئىلمىي باشقۇرۇش ئارقىلىق مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتى ئۆستۈرۈلدى، مو بېشى كىرىمى ئىلگىرىكى 2000 نەچچە يۈەندىن ئۆسۈپ 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

  پىشىش، ئۈزۈش مەزگىلىدە، خىزمەت ئەترىتى خادىملارنى تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ ئۈزۈش، قاچىلاش، توشۇشتا ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. سېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى پائال چارە تېپىپ، بازار ئېچىپ، سېتىش يولى ئىزدەپ، «ئەرگۇڭ كەنتى ئۈزۈش بېغى» يان تېلېفون مۇزىكىلىق قوڭغۇراق كەسپىنى ماسلاشتۇرۇپ ئېچىپ، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ «ئېلان» تەشۋىقاتنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئەرگۇڭ كەنتىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك شاپتۇلىنى تېتىتتى. ھازىر، ئەرگۇڭ كەنتىنىڭ شاپتۇللىرى سانجى ۋە ئۈرۈمچىگە سېتىلغاندىن باشقا، يىراقتا خېنەن، جېجياڭ قاتارلىق جايلارغىمۇ سېتىلماقتا.

  ئەرگۇڭ كەنتى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ما شىجۈن مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، بىز ئالاقە تورى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئەرگۇڭ كەنتىنىڭ مېۋە-چېۋە ماركىسىنى يارىتىپ، دېھقانلارنى ‹بىر يۈرۈش› ياردەم بېرىش، يۆلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى بېيىش يولىغا باشلايمىز.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى