
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 10-كۈنى، تيەنجىن داشۆسى «ئارزۇ دەرسخانىسى»نىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ھەمدە مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلىش مۇراسىمى گەنسۇ ئۆلكىسى لۇڭنەن شەھىرى تەنچاڭ ناھىيەسى گۇەنتىڭ مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى. تيەنجىن داشۆسىنىڭ يازلىق تەتىللىك ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ئەترىتىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار تاغلىق رايوندىكى ئوقۇغۇچىلارغا مىكروسكوپ، ھايۋانات-ئۆسۈملۈكلەر ئەۋرىشكىسى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئائىت كىتاب قاتارلىقلارنى ئېلىپ كەلدى ھەمدە نەق مەيداندا ئوقۇتۇش ئېلىپ باردى. ئىگىلىنىشىچە، تەنچاڭ ناھىيەسى تيەنجىن داشۆسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش بويىچە نۇقتىلىق ناھىيەسى بولۇپ، بۇ قېتىم گۇەنتىڭ مەكتىپىدە ئىئانە بىلەن قۇرۇلغىنى تيەنجىن داشۆسىنىڭ مەملىكەت بويىچە 58-«ئارزۇ دەرسخانىسى» ئىكەن. (لى رەن فوتوسى)




