تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئۇچتۇرپان ناھىيەسى: «كۆكتات سېۋىتى» دېھقانلارنى مول ھوسۇلغا ئىگە قىلدى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى

تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرى يابېشى كەنتىدىكى كۆكتات تېرىقچىلىق بازىسىدا، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى، پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتى ۋە كەنت ئاھالىلىرى كۆكتات ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، كەنت دەرىجىلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرى بولغان «بىر سېۋەت كۆكتات» قۇرۇلۇشى مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى.

2018-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، شىنجاڭ داشۆسى، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، قاتناش ئىدارىسىنىڭ يابېشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا، يابېشى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى بارا-بارا كۆكتات تېرىقچىلىقىنىڭ پايدىسىنى كۆردى، ئۇلارنىڭ ھەم  يانچۇقى تومپايدى.

بۇ يىل، خىزمەت ئەترىتى «ھەمكارلىق كوپىراتىپى + كەنت پارتىيە ياچېيكىسى + نامرات ئاھالە» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، زاكازلىق تېرىقچىلىق، ئەڭ تۆۋەن قوغداش باھاسىدا سېتىۋېلىش، ئۈنۈم بويىچە پايدا تەقسىملەشنى يولغا قويۇپ، كۆكتاتلارنى سېتىش يولىنىڭ بولۇشىغا، سېتىش باھاسىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

(ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ياڭ لېي، چى يى تەمىنلىگەن)

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش