تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

[شىنجاڭ ياخشى جاي] پامىر ئېگىزلىكىدىكى پۇقراۋى قونالغۇ كەنتىدە تاجىك مىللىتى ئۆرپ-ئادىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشتى

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى سەييۈن ئائىلىسى پۇقراۋى قونالغۇ كەنتى. (ياڭ شىلۇڭ فوتوسى)

  شىنخۇا تورى، ئۈرۈمچى، 7-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگراممىسى (ياڭ شىلۇڭ): شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى سەييۈن ئائىلىسى پۇقراۋى قونالغۇ كەنتى پامىر ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش سۇپىسى ھېسابلىنىدۇ. پۇقراۋى قونالغۇ كەنتىدە بۈركۈت ئۇسسۇلى، پىلىك بايرىمى «گۈلخان كېچىلىكى»، تاجىكلار توي مۇراسىمى قاتارلىق خاس مىللىي ئۆرپ-ئادەت نومۇرلىرى دائىملىق كۆرگەزمە قىلىنىدۇ، بۇ پۇقراۋى قونالغۇ كەنتى مەدەنىيەتنى ساياھەت مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرۇپ، ساياھەت كەسپى بىلەن مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ چوڭقۇر بىرىكىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پامىر ساياھەت مەنزىرە رايونىغا تاجىكلارنىڭ خاس ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ناھىيە دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قۇرۇشنى باشلامچى تۈرتكە قىلىپ، يادرولۇق مەنزىرە رايونىغا تايىنىپ «سەييۈن ئائىلىسى» مىللىي ئۆرپ-ئادەت كەنتى قاتارلىق تۆت ئېسىل ساياھەت كەنتىنى بەرپا قىلدى، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، يېزا-كەنتلەردىكى 67 ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسى ۋە 337 چارۋىچىلار ئارامگاھىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، مەنزىرە رايونى 14 نامرات نوپۇسنى قوبۇل قىلىپ بىۋاسىتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، مېھمانساراي-مېھمانخانىلار 74 نامرات نوپۇسنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، 2018-يىلى، ھەربىر نوپۇس 22 مىڭ يۈەندىن 27 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

7-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان بۇ سۈرەتتە سەييۈن ئائىلىسى پۇقراۋى قونالغۇ كەنتىدە بۈركۈت ئۇسسۇلى ئوينالماقتا. (ياڭ شىلۇڭ فوتوسى)

7-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان پۇقراۋى قونالغۇ كەنتى. (ياڭ شىلۇڭ فوتوسى)

تاش رەسىمى بىلەن بېزەلگەن ئاھالىلەر تۇرالغۇسىنىڭ ئۆي سىرتى تېمى. (ياڭ شىلۇڭ فوتوسى)

تاجىكلارنىڭ قول ھۈنەر بۇيۇملىرى. (ياڭ شىلۇڭ فوتوسى)

سەييۈن ئائىلىسى پۇقراۋى قونالغۇ كەنتىدىكى «گۈلخان كېچىلىكى». (ياڭ شىلۇڭ فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى