تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مائارىپ

ئاخىرقى قېتىملىق سىنىپ يىغىنى، ئەڭ تەسىرلىك رۇخسەت سوراش خېتى

«سۆيۈملۈك ئۇستازلار: ئالتە يىللىق باشلانغۇچ مەكتەپ ھاياتىمىز ئاخىرلاشتى، بىز ئانا مەكتىپىمىزدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرماقتىمىز. شۇڭا بۇ رۇخسەت سوراش خېتىنى يازدۇق، بىز سىلەرنى داۋاملىق يوقلاپ تۇرىمىز. تەستىقلىشىڭلارنى سورايمىز! 6-يىللىق 3-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى» 7-ئاينىڭ 5-كۈنى، لوياڭ شەھىرى لولۇڭ رايونلۇق 1-تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ سۈييۈن مەكتەپ رايونىدىكى 6-يىللىق 3-سىنىپنىڭ دوسكىسىغا يۇقىرىقى قۇرلار يېزىلغانىدى.

قىپقىزىل بايراققا بالىلار ئانا مەكتىپى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىغا بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى يېزىشتى؛ ساۋاقداشلار خاتىرىسىگە ساۋاقداشلار بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن خۇشال مىنۇتلىرىنى خاتىرىلەپ قويدى.

سىنىپ يىغىنىدا بالىلار بىرلىكتە ئالبوم كۆردى، ئۆزئارا مۇڭداشتى، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن خۇشاللىق تەبەسسۇمى جىلۋە قىلىپ تۇراتتى؛ ئوقۇتقۇچىلار بالىلاردىن ئايرىلغۇسى كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارغا بەخت تىلىدى. ئايرىلىش ئالدىدا ئۇلار ئاخىرقى قېتىم پارتىدىشى بىلەن قۇچاقلاشتى، ئاخىرقى قېتىم ساۋاقدىشى بىلەن قول قايرىشىپ كۈچ سىناشتى، ئاخىرقى قېتىم ئوخشاش بىر ناخشا ئېيتتى...

سىنىپ يىغىنى ئاخىرلاشقاندا، سىنىپ مۇدىرى يەنە ساۋاقداشلارغا ئاخىرقى بىر سائەتلىك دەرس — «يازلىق تەتىللىك بىخەتەرلىك تەربىيەسى» نى ئۆتۈپ، ئاساسلىقى سۇدا تۇنجۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى ئېلىپ باردى. (زېڭ شيەنپىڭ فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش