تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

[مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش] ئىتتىپاقلىق بەختنىڭ مەنبەسى

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جوۋ دۇەنپۇ خەۋىرى): ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا تازىلىق ئىشچىلىرى ۋە مەھەللىدىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغانلارغا دائىم ياردەم قىلىدىغان بىر قىزغىن كىشى بار، ئۇنىڭ ئىسمى ئەمەتجان مەمەت، ئۇ قەتئىي بوشاشماي مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈپ كەلگەن گۆش دۇكىنى تىجارەتچىسى.

44 ياشلىق ئەمەتجان گۇچۇڭ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 20 نەچچە يىل ئىلگىرى گۇچۇڭدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ دادىسى بىلەن بىللە قوي ۋە كالا گۆشى ساتقان ئىدى. ئەمەتجان ئەستايىدىل، ئىقتىدارلىق بولغاچقا، ئۇنىڭ سودىسى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ، كىچىك يايما ئورنىدىن دۇكان ئىچىگە كۆچۈپ كىردى. تۇرمۇشى ياخشىلانغاندا، بەخت دېگەن نېمە؟ دېگەن سوئال ئەمەتجان ئويلىنىدىغان يېڭى تېمىغا ئايلاندى.

ئەمەتجاننىڭ دۇكىنىدا مۇخبىر «ئىتتىپاقلىق ـــ بەختنىڭ مەنبەسى» دېگەن يازمىنى كۆردى، بۇنى ئۇ بىر خەتتات دوستىغا مەخسۇس يازدۇرغانىدى. «شۇنچە يىل سودا قىلىپتىمەن، بۇ جەرياندا ئاخىرى بىر ئېنىق ھېساباتنى چۈشەندىم ـــ ئىتتىپاقلىق بەختنىڭ مەنبەسى ئىكەن» دېدى ئەمەتجان.

«بىز بەش بالا، كىچىكىمىزدىن تۇرمۇشىمىز ئانچە باياشات ئەمەس ئىدى. ناھىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار دائىم ئائىلىمىزگە ياردەم قىلىپ تۇراتتى، قوشنىلارمۇ بىزدىن ياردىمىنى ئايىمايتتى. ئاتا-ئانام بۇنى ئىزچىل كۆڭلىدە ساقلاپ كەلگەن. ئۇلار دائىم بىزگە چوڭ بولغاندىن كېيىن شارائىتىڭلار بولسىلا، چوقۇم كۆپچىلىكنىڭ ياخشىلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇڭلار، دەپ تەربىيە قىلاتتى. ھازىر شارائىتىمىز ياخشىلاندى، مەن كۆپچىلىككە ئازراق ئىش قىلىپ بېرىشنى ئويلايمەن» دېدى ئەمەتجان.

2013-يىلىدىن باشلاپ، ئەمەتجان ھەر بايرامدا تازىلىق ئىشچىلىرى ۋە مەھەللىدىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغانلارغا قوي، كالا گۆشى ياكى ھال سوراش پۇلى تارقىتىپ كەلدى. يېقىنقى ئىككى يىلدا ھەر قىشتا، قار ياغسىلا ئەمەتجان ئۆزى تۇرۇشلۇق تەۋەلىكتىكى تازىلىق ئىشچىلىرىنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن بىللە تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلىپ كەلدى.

7-ئاينىڭ 2-كۈنى، 33 ياشلىق تازىلىق ئىشچىسى ۋاڭ يۈنپېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ئەمەتجان كۆپ يىللاردىن بۇيان بىزگە ياردەم قىلىپ كەلدى، ئۇ بىز تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ ياخشى دوستى».

ئۈرۈمچىدە ئۇزۇن يىل ياشىغان ئەمەتجاننىڭ تاڭ باۋخۇا دەپ بىر «ئاكىسى» بار. ئىككىيلەننىڭ تونۇشۇپ قېلىشىغا ئەمەتجاننىڭ سەمىمىيلىكى سەۋەب بولغانىدى. ئەينى چاغدا پولۇخانا ئاچىدىغان تاڭ باۋخۇا ئەمەتجاننىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭ گۆش دۇكىنىدىن گۆش كىرگۈزىدىغان بولغان. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، بۇ ئىككىيلەننىڭ تونۇشقىنىغا 10 يىل بولاي دېدى، ئۇلار ئەڭ دەسلەپكى ھەمكارلىق ھەمراھلىقىدىن ھازىرقى دېيىشمەيدىغان گېپى يوق ئاكا-ئۇكىلارغا ئايلانغان ئىدى.

تاڭ باۋخۇانىڭ بۈگۈنگىچە ئېسىدىن چىقمايدىغان بىر ئىش بار، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ دادىسى قازا قىلدى، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ تاپاۋىتى تازا ياخشى بولماي قېلىپ، دادىسىنىڭ دەپنە ئىشلىرىنى قىلىش ئۈچۈن، جىددى ئەھۋالدا ئەمەتجاندىن پۇل سورىدى، ئەمەتجان ئىككىلەنمەستىن تاڭ باۋخۇاغا 20 مىڭ يۈەن بېرىپ تۇردى.

«ئەمەتجان بىلەن قېرىنداشلىقنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمەن» دېدى تاڭ باۋخۇا كۆپ يىللار ئىلگىرىكى شۇ كۆرۈنۈشنى يادىغا ئېلىپ.

ئۆيى چېقىلىپ كۆچۈرۈلۈش سەۋەبى بىلەن ئەمەتجان بىلەن تاڭ باۋخۇانىڭ دۇكىنى ئەسلىدىكى ئورنىدىن يۆتكىلىپ كەتتى. ئەمما، ئۇلار ئارىسىغا قوشۇلغان يول ئارىلىقى ئىككىيلەننىڭ مېھىر-مۇھەببىتى يىراقلاشتۇرالمىدى. «دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرىمىز، ياردەم كېرەك بولغان ھەرقانداق ئىشقا يولۇقسام، ئەڭ ئاۋۋال تاڭ باۋخۇا ئاكام ئېسىمگە كېلىدۇ. بىر ئادەم بەختلىك بولۇش ئۈچۈن، چوقۇم ئىتتىپاق ۋە ئىناق جەمئىيەتتە ياشىشى كېرەك، ئىتتىپاقلىق ــ بەختتۇر!» دېدى ئەمەتجان.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى