شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ يۇڭ، خې لۇڭ، ۋاڭ جېن فوتوسى، خەۋىرى): 7-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئېلىپ شىنخۇا خەلقئارا كىتاب شەھەرچىسىدە كىتاب ئوقۇماقتا. دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىنكى شىنخۇا خەلقئارا كىتاب شەھەرچىسى نوقۇل كىتاب سېتىشتىن كىتاب ئوقۇش، كۆرگەزمە قىلىش، ئارام ئېلىش قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان شەھەر مەدەنىيەت يېڭى بوشلۇقىغا ئايلىنىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت كاتتا «زىياپىتى»دىن بەھرىمەن بولىدىغان ياخشى جايىغا ئايلاندى.
7-ئاينىڭ 8-كۈنى، كىچىك دوستلار سانجى شەھىرى بىڭخۇ بازىرىدىكى شىنجاڭ لاڭچىڭ چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ سۈت سېغىش زالىدا ئېكسكۇرسىيەدە بولماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ شىركەت سىيىر پەن-تېخنىكا سارىيى، سىيىر باغچىسى قاتارلىقلارنى ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ساياھىتى، ئىستىراھەت ساياھىتى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى قاتارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇردى.
7-ئاينىڭ 7-كۈنى بالىلار ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.