تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ خوۋۋېي فوتوسى، خەۋىرى): 7-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرى ئاق قۇ دەرياسىدىكى زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇ، خۇشپۇراق نېلۇپەرلەر نۇرغۇن فوتو سۈرەت ھەۋەسكارىنى تاماشا قىلىشقا، سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلدى. ياز پەسىلىدە، كورلا شەھىرىدىكى ئاق قۇ دەرياسىنىڭ مەنزىرىسى ئالاھىدە جەلپ قىلارلىق بولۇپ، ياۋا ئۆردەكلەر نېلۇپەرنىڭ ئاستىدا ئۈزۈپ ئوينايتتى، قىزىل نېلۇپەر، يېشىل يوپۇرماقلار ھەرە ۋە كېپىنەكلەرنى جەلپ قىلاتتى، ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى بىر-بىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندۈرۈپ، ياز پەسلىدىكى يارقىن مەنزىرىگە ئايلانغان ئىدى.