تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەنبەنى توغرا تېپىش پەرقنى توغرا تېپىش يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

− ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدا يۈرۈشلۈك ئۇنىۋېرسال بايان

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى 1- تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان 94 ئورۇن ئەسلىي مەقسەت - بۇرچقا ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئۈمىدىگە توغرىلىنىپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

ئۆگىنىپ، قايتا ئويلىنىپ پەرقلەرنى تېپىش

باش تېما تەربىيەسى باشلانغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تېپىپ، مەسىلىنىڭ مەنبەسىنى توغرا تېپىپ، تۈزىتىشنى توغرا نىشان بىلەن تەمىنلەپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش نازارىتى مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، ئۆگەنگەچ تەتقىق قىلىش - مۇھاكىمە قىلىش، ئۆگەنگەچ قايتا ئويلىنىشتەك ئۆگىنىش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىسى ئارقىلىق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش - ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدىكى مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش رولىنىڭ جارى قىلدۇرۇلۇشى، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش - ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەردىن چوڭقۇر تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ، ئۆزىدە ساقلانغان كەمتۈكلۈكلەر ۋە پەرقلەرنى تېپىپ چىقتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) مەركەزلىك ئۆگىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، رەھبەرلىك بەنزىسى ھەر ئايدا، پارتىيە ياچېيكىلىرى ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم مەركەزلىك تەتقىق قىلىش - مۇھاكىمە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئۆلچەمگە توغرىلاندى، ھەربىر پارتىيە ئەزاسى ئىدىيە، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە باغلاپ، ئۈنۈم ئۈستىدە توختىلىپ، پەرقلەرنى تېپىپ، ئۆزىدە ساقلانغان يېتەرسىزلىكلەرنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا تەكشۈرۈپ كۆزەتتى.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى مەسىلىنى تۇتۇپ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، «مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش، مەخسۇس تېمىدا تەتقىق قىلىش - مۇھاكىمە قىلىش، مەركەزلىك باھا بېرىش»تە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگەنگەچ قايتا ئويلىنىپ، 103 پىكىر - تەكلىپنى رەتلەپ يىغىنچاقلاپ، مەسىلە تىزىملىكى تۈزۈپ چىقىپ، مەسىلىنى قويۇۋەتمەستىن كۆزلەپ تۈزىتىشنى تۇتۇپ، ئۆگىنىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مەركەزلىك ئۆگىنىش داۋامىدا تەكشۈرۈپ كۆزىتىشكە توغرىلىنىپ، دىققەتنى ئىدىيەدىكى نېگىزلىك مەسىلىلەرنى، سىياسىي ئىقتىدار مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈردى. سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سىردىشىش - سۆزلىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، بەنزە ۋە شەخسلەرنىڭ خىزمەت ئىستىلى، خىزمەتكە تۈرتكە بولۇش جەھەتلەردە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلىرىنى توغرا تېپىپ، مائارىپ ساھەسىنىڭ ئوقۇتۇش سىستېمىسى، ئوقۇتۇش ماتېرىيالى سىستېمىسى، باشقۇرۇش سىستېمىسى قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان ئاساسلىق مەسىلىلىرىگە سىستېمىلىق تەپسىلىي قاراپ چىقتى.

دىققەتنى ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى تېپىش

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىگە سېلىشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە سېلىشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا سېلىشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت - بۇرچقا سېلىشتۇرۇپ، ئىسلاھات - تەرەققىيات ئېھتىياجىغا سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ، خىزمەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېپىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ كۆزەتتى، تەھلىل قىلدى... باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى باش تېما تەربىيەسىدە مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىش لايىھەسى تۈزۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىك، ئاساسىي مەقسەت ئېڭى، ئىقتىدار - سەۋىيە قاتارلىق يەتتە جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تېپىپ، ئۆز سىستېمىسىدا يېقىنقى يىللاردا يۈزبەرگەن تىپىك دېلولارغا بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ كۆزەتتى، قايتا ئويلاندى، ئۇلار يەنە ئاپتونوم رايوندىكى كەسپى توغرا كېلىدىغان تارماقلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى تەمىنات - سودا كوپىراتىپ (ئىش بېجىرىش ئورنى)لىرى، بىۋاسىتە قاراشلىق كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ھەم ئورگاندىكى ھەرقايسى باشقارما، ئىشخانىلارغا پىكىر ئېلىش جەدۋىلى تارقاتتى ھەم پىكىر ئېلىش ساندۇقى تەسىس قىلىپ، قىزىق لىنىيەلىك تېلېفون ئېچىپ، كۈتۈۋېلىش ئۆيى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىپ، كەڭ كۆلەمدە پىكىر - تەكلىپ ئالدى.

شىنجاڭ دۆلەت مۈلكى مەبلەغچىلىك تىجارىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى سۆھبەتلىشىش، زىيارەت قىلىپ سۆھبەتلىشىش، پىكىر قوبۇل قىلىش ساندۇقى تەسىس قىلىش، ئەرزىيەت قوبۇل قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، ھەرقايسى تارماقلار، قارىمىقىدىكى كارخانىلار ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ شىركەتنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى، پارتىيە ئەزالىرىدا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە بولغان ئىنكاسى ھەم ئىستىلنى ياخشىلاش، خىزمەتنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى تولۇق ئاڭلىدى.

شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت جەريانىدا ساقلانغان قىيىن مەسىلىلەرگە قارىتا، ئاساسىي قاتلامدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى رەتلەپ، مەسىلە تىزىملىكى تۈزۈپ چىقىپ، نىشانغا توغرىلاپ، پائال ئالغا سىلجىتىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. بالا شىركەتلەردىن سىرت، بۇ گۇرۇھ يەنە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئىككىلەمچى ھەمكارلىق كارخانىلىرىغا ئۇزارتىپ، خېرىدارلارنىڭ مەھسۇلاتقا بولغان پىكىر - تەكلىپلىرىنى يىغدى، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ قايتا ئويلاندى، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈردى، جەمئىي 64 تۈرلۈك تۈزىتىش ۋەزىپىسى تۈزۈپ، بىر - بىرلەپ ئالغا سىلجىتىپ ھەل قىلدى.

مەسىلىنى تەھلىل قىلىپ كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش

7- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى تۈرى ئىش مەيدانىغا كېلىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاش كاپالەت پۇلى تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى قاتارلىقلار بويىچە نەق مەيداندا ئېھتىياجنى ئىگىلەپ، تۈزۈمنىڭ ئەمەلىيلىشىش داۋامىدا كۆرۈلگەن قىيىن مەسىلىلەرنى ئىگىلەپ، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك گەۋدىلىك مەسىلىلەر تىزىملىكىنى قاراتمىلىقى بار ھالدا تۈزۈپ چىقىپ، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىر تېپىپ چىقتى.

مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىشتە مۇھىمى مەسىلىنى تەھلىل قىلىش، مەسىلىنى ھەل قىلىش. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار مەسىلىنى تەكشۈرۈپ كۆزەتكەندە، يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىگە تەتبىقلاپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىگە تەتبىقلاپ، خىزمىتىگە تەتبىقلاپ، مەسىلىنى تېپىپ چىقىپ، تۈگۈننى تېپىپ چىقىپ، لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەربىيە بىلەن ئەمەلىيەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىۋاسىتە مەسىلىگە يۈزلىنىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈردى.

7- ئاينىڭ 3- كۈنىگە قەدەر، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ھەر تۈرلۈك پىكىر - تەكلىپتىن جەمئىي 128نى قوبۇل قىلدى، رەتلەش ئارقىلىق يەتتە تۈردىكى 43 پىكىر - تەكلىپنى رەتلەپ جەملەپ، بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ تەھلىل قىلىپ، تۈرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىش پىلانى تۈزدى، تىزىملىك تۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈگۈننى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىش، تۈزەتكەنلەرنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈشنى يولغا قويۇپ، بىرمۇبىر تۈزىتىشنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى نازارىتى ئورگان ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلاردا پىكىر ئېلىش ساندۇقى تەسىس قىلىپ، سۆھبەتلىشىش، زىيارەت قىلىپ سۆھبەتلىشىش، ئەرزىيەت قوبۇل قىلىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى تولۇق ئاڭلىدى، مەسىلىنى ھەل قىلىش، خىزمەتنى ياخشىلاش ئۇسۇللىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلدى، تۈزەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تۈزىتىش مۇددىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈزەش نەتىجە - ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى