تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

مەسىلىنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىشتە مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىش كېرەك

رېن جياڭ

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار مەسىلىنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىشنى پۈتكۈل جەريانغا سىڭدۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆزىدىكى مەسىلىنى ھەقىقىي تېپىپ، مەسىلىنىڭ مەنبەسىنى توغرا تېپىپ، تۈزىتىشنى توغرا نىشان بىلەن تەمىنلەپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سالدى.

مەسىلىنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىشتە چوقۇم مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىش كېرەك. مەسىلە كۈچەش نۇقتىسى ھەم بۆسۈش ئېغىزى. باش تېما تەربىيەسىدە پۇختا نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، مەسىلىنىڭ نېمىلىكى، تۈگۈننىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى چوقۇم ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك، مەسىلىنى ھەقىقىي تېپىپ، يىلتىزىنى چوڭقۇر قېزىپ چىققاندىلا، ئاندىن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي تەدبىرى، قاتتىق تەدبىرىنى تاپقىلى بولىدۇ.

«باشقىلاردىن مۇكەممەل ۋە نۇقسانسىز بولۇشنى تەلەپ قىلماسلىق، ئۆزىدىكى كەمچىللىكلەرنى بولسا قاتتىق تەكشۈرۈش.» تەكشۈرۈپ كۆزىتىش، قايتا ئويلىنىش، ئوقۇرىنى پەسەيتىپ ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش، بۇ، بىزنىڭ خاتالىقنى بايقاش، تۈزىتىش، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش ۋە كۈچەيتىشىمىزدىكى مۇھىم ئۇسۇل بولۇپ، بىزنىڭ پارتىيەمىزنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشتىكى مۇھىم يولى. مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، ئۆزىگە تەتبىقلاپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىگە تەتبىقلاپ، خىزمىتىگە تەتبىقلاپ، ئىنچىكە سېلىشتۇرۇپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، دەرھال تەكشۈرۈپ دەرھال تۈزەتكەندىلا، ئاندىن ئىدىيەدىكى چاڭ - توزانلارنى تازىلاپ، ھەرىكەتتىكى پەرقلەرنى تۈزىتىپ، كوممۇنىستلارنىڭ ئىلغار خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇپ قالغان - قالمىغانلىقى، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىغان - ساقلىمىغانلىقىنى ئامما ئەڭ ئېنىق كۆرەلەيدۇ، ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئۆزى تېپىش، يۇقىرىدىكىلەر ئەسكەرتىش، ئامما ئوتتۇرىغا قويۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «بار بولسا تۈزىتىش، يوق بولسا ساقلىنىش»تەك سەمىمىي كۆڭلى بىلەن، مۈرىنى مۈرىگە تىرەشنى يۈزتۇرا بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كىرگۈزۈش بىلەن چىقىرىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، ئامما، مۇلازىمەت ئوبيېكتى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى چىن كۆڭلى بىلەن سەمىمىي ئاڭلاپ، چوڭقۇر سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، ئەستايىدىل چوڭقۇر تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ تەھلىل قىلغاندىلا، ئاندىن باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشقا، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، مەسىلىنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ، پەرقلەرنى تېپىپ، تىرىشىش يۆنىلىشىنى تاپقاندىلا، ئاندىن باش تېما تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرغىلى، ئاندىن خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ ئەمەلىي مەنپەئەت مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلغىلى، ئاندىن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى