تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، نانچىلىق كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى رەھبەرلىك بەنزىسى ئۈرۈمچى شەھىرى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، نانچىلىق كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7- ئاينىڭ 9- كۈنى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن پارتگۇرۇپپا رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ قىسمەن ئەزالىرىنى باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە كارخانىلارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، نانچىلىق كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش داۋامىدا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتارلىقلار باغچە رايونى ئىچىدىكى نان مەدەنىيىتى كۆرگەزمە رايونى، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش رايونى، ھېس قىلىش، ئويۇن قويۇش رايونى، خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش رايونىنى نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، باغچە رايونىغا ماكانلاشقان كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان خادىملار، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتى، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى بىرلەشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

سۆھبەت يىغىنىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى ئۈرۈمچى شەھىرى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. شىنجاڭ نان شاھى يېمەكلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ يىخېگۇ يېمەكلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى باغچە رايونىغا ماكانلاشقاندىن كېيىن كارخانىدا يۈزبەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى تونۇشتۇردى ھەم شىنجاڭنىڭ نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتا پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: ئۈرۈمچى شەھىرى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «سانائەت + مەدەنىيەت + ساياھەت»نىڭ ئورنىنى بېكىتىپ، كىچىك نان ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، مەدەنىيەت ساياھىتى قاتارلىقلارنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، 1000دىن ئارتۇق كىشىنى جايلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 400 نەچچە كىشىنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك تىجارەت، سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، كۈچەپ تىجارەت، سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى مەۋقە قىلىپ، باغچە رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى يۇقىرى پەللە، يۇقىرى ئۆلچەمدىن پىلانلاش كېرەك. تېزدىن ساھە ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ھالقىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، نانچىلىق كەسپىنىڭ ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش، كۆلەملەشكەن تىجارەت، كۇرسلۇق ماركا تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كۇرسلۇق ماركا تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، نان مەدەنىيىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى تولۇق قېزىپ، باغچە رايونىنى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى بىر يارقىن نام كارتىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش» ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش +3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات داۋامىدا يولۇققان ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن توپلاپ ھەم ئۇنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس چېڭ جېنشەن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس ماغاۋ سېيىتقامزا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس، قوشۇمچە باش كاتىپ جاڭ بو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى