تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۈمەن چاقىرىملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە خەلق تۇرمۇشى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

ئىلاۋە

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، نىشان تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى، ئورۇن بەلگىلەش تېخىمۇ ئېنىق بولدى، مۇھىم نۇقتا تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلدى، تەدبىر تېخىمۇ دەل جايىدا بولدى، خىزمەتلەرنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى سىجىل ئۆستى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئامما پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن كۆيۈنۈشىنى ھېس قىلدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي نەپتىن بەھرىلەندى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش نەتىجىلىرى ھەم تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈش، ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچلەرنى مۇجەسسەملەش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، بۈگۈندىن باشلاپ شىنجاڭ گېزىتىدە «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدا زىيارەت» مەخسۇس ئىستونى تەسىس قىلىندى.

ئەمىن ئۆيدە ئولتۇرۇش، ئاسفالت يولدا مېڭىش، تۇرۇبا سۈيى ئىچىش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى مائارىپ ۋە داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىلىنىش... شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەدىتى بولغاچقا، بۇ «پايدا»لار تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «ئۆلچەملىك سەپلىمە»سىگە ئايلانماقتا.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە: يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر %80تىن ئارتۇق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە سېلىپ، ئاممىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمىتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، بىخەتەر ئىچىدىغان سۇ، مائارىپ، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق بىر تۈركۈم ئاممىۋى ئەسلىھە تۈرلىرىنى قۇرۇپ چىققان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئامما بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشكەن.

ھېچقانداق بىر نەتىجە ئاممىنىڭ چېھرىدە جىلۋىلەنگەن كۈلكىدىنمۇ ئارتۇق بولمايدۇ؛ ھېچقانداق بىر خىل بۇرچ خەلقنىڭ بەخت ئارزۇسىدىنمۇ يۈكسەك بولمايدۇ. يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئەسلىگىنىمىزدە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە باشتىن - ئاخىر خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇلدى، باشتىن - ئاخىر خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلدى، تۈركۈملىگەن ئەمەلىي مەبلەغلەر، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرى، خەلققە قولايلىق يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ گۈزەل كارتىنىسىغا ئايلاندى.

ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئەل قەلبىنى ئىللىتتى

7- ئاي، دەل شىنجاڭنىڭ قوغۇن - تاۋۇزى تاتلىق، مېۋە - چېۋە خۇش پۇراق بولىدىغان مەزگىلى. قاراقاش ناھىيەسىنىڭ كونا شەھەر رايونىغا كىرگىنىمدە، يېڭىلانغان مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قۇرۇلۇشلارنىڭ تاشقى تاملىرى بىرتۇتاش سۇس قىزغۇچ قوڭۇر رەڭدە سىرلانغان بولۇپ، ھەم رەتلىك، ھەم چىرايلىق ئىدى.

گۈلمىرە تۇرسۇن ئىشىكىگە يۆلىنىپ تۇرۇپ قوشنىسى بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى، ئۇنىڭ كەينىدىكى ئۆيىنىڭ دېرىزىلىرى يورۇق، پاكىز ئىدى. «بۇ يەر ئىلگىرى كەپىلىك رايون بولۇپ، ئولتۇراق ئۆي ۋە دۇكانلارنىڭ كۆپىنچىسى چىتلاق ئۆي ئىدى، يوللار تار بولۇپ، ھەممىلا يەردە يۇندى ئېقىپ تۇراتتى، چىۋىن، پاشىلار ئۇچۇپ يۈرەتتى، ھازىرقى تۇرمۇش شارائىتىمىز نېمىدېگەن ياخشى - ھە، پاكىز تازىلىمىساق ئۆزىمىزگە يۈزكېلەلمەيمىز، بىزگە ياردەملىشىپ ئۆي سېلىپ بەرگەن بېيجىڭدىن كەلگەن نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى كادىرلارغا تېخىمۇ يۈزكېلەلمەيمىز» دېدى ئۇ.

2015- يىلىدىن بۇيان، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى بېيجىڭنىڭ شەھەر پىلانلاش قاتارلىق ساھەلىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، كەڭ كۆلەمدە چېقىش، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇشتەك ئەنئەنىۋى شەھەر ئۆزگەرتىش ئەندىزىسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ كونا شەھەر رايونىدىكى ئۆيلەرگە قارىتا پۇختىلاپ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، ئۆيلەرنىڭ تاشقى ئۇسلۇبى ۋە رەڭگىنى بىرلىككە كەلتۈردى.

ئۆزگەرتىش لايىھەسىدە سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇ چىقىرىش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، تەبىئىي گاز قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ ئولتۇراقلىشىش سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپلا قالماي، يەنە كوچا رايونىنىڭ تارىخىي قىياپىتىنى قوغداش بىلەن ساياھەت، يېمەك - ئىچمەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىرلەشتۈرۈلۈپ، كونا شەھەر رايونىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى.

تۇرالغۇ شارائىتى ياخشىلاندى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر يەنە نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھويلا - ئارانلىرىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىپ، چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق، مېۋە - كۆكتات تېرىقچىلىقى قاتارلىق خاس ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇردى.

پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ قىزىلبويى يېزىسى چولاق كەنتىدە، ئالدىدا ئۆيى، ئوتتۇرىدا بېغى، كەينىدە قوتىنى، ئەتراپتا يەنە ئېتىزى بار بولغان ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مەنزىرىسى كەنت ئاھالىسى روزى تۇردىغا ئىنتايىن بەخت ھېس قىلدۇردى. ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ ئائىلىسىدە يېڭىدىن نەچچە ئون قوي كۆپەيدى، تىككەن ئەينۇلاسىمۇ ياخشى ئۆستى، كىرىمىنىڭ ئېشىشىدا گەپ يوق. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى يولغا قويغان «دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، باغ - ئورمان، سۇ، ئولتۇراقلىشىش»تىن ئىبارەت ئالتە بىر گەۋدىلەشكەن ھويلا - ئاران ئىگىلىكى ئەندىزىسىنىڭ پايدىسىدىن كەلگەن.

بۇ ئەندىزە كېڭەيتىلگەندىن بۇيان، تولۇقلىما تارقىتىش ئارقىلىق نامرات دېھقانلارنىڭ ھويلا - ئارانلىرىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇنۇپ، يېشىل ئىستېرېئولۇق ئايلانما چەمبىرەك بەرپا قىلىنىپ، دېھقانلارنىڭ ھويلا - ئاراندىن پايدىلىنىش نىسبىتى %30كىمۇ يەتمەسلىكتىن %85تىن يۇقىرى بولۇشقا ئۆستى.

ھەربىر تال خىش - كاھىش ئەل قەلبىنى ئىللىتتى. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ قوللىشىدا ئەمىن ئۆيدىن جەمئىي 2 مىليون 300 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇقى، كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئۆيىدىن 120 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇقى سېلىنغان ھەم ئەمىن ئۆي، ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئۆيى قۇرۇلۇشىنىڭ سۇ، توك، يول، گاز قاتارلىق يانداش قۇرۇلۇشلىرى ماس قەدەمدە ياخشى ئىشلەنگەن.

گۈزەل يېزا - كەنت رەسىمى سىزىپ چىقىلدى

گۈزەل يېزا - كەنت بىر پارچە قانداق مەنزىرە؟

يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى ئۇخاۋچۈ يېزىسى ئارۇنچۈ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى دولقۇن تۇرسۇننىڭ قارىشىچە، بۇ مەنزىرە دەل كەنتنىڭ ھازىرقى ھالىتى − كۆپچىلىك ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، كەنتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەيدانى، يېزا - كەنت چوڭ سەھنىسى ياسالدى، كەنت يوللىرىنىڭ ھەممىسى قاتتىقلاشتۇرۇلۇپلا قالماي، يەنە شەھەردىكىدەك كوچا ناملىرى قويۇلدى؛ قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىرىغى كېچىنى يورۇتتى، 50 مېتىردا بىردىن ئەخلەت ساندۇقى بار بولدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى خالىغانچە ئەخلەت تاشلىمايدىغان بولدى...

7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى دولقۇننىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، كەنتنىڭ قىياپىتى گۈزەللىشىپتۇ، ساياھەتكە كېلىدىغانلار كۆپىيىپتۇ، ئۇ خوتۇنى بىلەن ئۆرپ - ئادەت باغچىسى ئېچىپ، يېزا - كەنت ساياھىتىنىڭ بېيىش ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرغان بولۇپ، يېقىندا سودىسى بەكلا ياخشى بولۇۋېتىپتۇ.

ھالبۇكى ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا، ئارۇنچۈ كەنتى باشقىچە قىياپەتتە ئىدى: كونا ئۆيلەر كۆپ، مۇھىتى مەينەت، قالايمىقان، ناچار، ئەخلەتلەر شامالدا ئۇچۇپ يۈرەتتى.

بۈگۈنكى ۋە ئۆتمۈشتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئارقىسىدا، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ يولغا قويغان 38 ئاساسىي قاتلام يېزا - كەنت مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى بار.

يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ ئارقىدا قېلىشى شەھەر بىلەن يېزىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە ئىپادىسى، شۇنداقلا دېھقانلارنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان خەلق تۇرمۇشىدىكى ئاغرىش نۇقتىسى.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئەمەلىي مەنپەئەتكە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، يېزىلاردىكى ئىچىدىغان سۇ، يول، توك ئىشلىتىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ مائارىپ، داۋالاش، سەھىيە، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ پەرقىنى ئۈزلۈكسىز كىچىكلەتتى.

− لياۋنىڭ ئۆلكىسى تولى ناھىيەسىدىكى نامرات يېزا - كەنت ئۈچۈن سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا لىنىيەسى، كەنت يوللىرى ھەم ئىسسىق قوتان ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى قۇرۇپ بەردى؛

− خېنەن ئۆلكىسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 13- شىسى ئۈچۈن ئاھالىلەر يولى، ئېلېكتىر تورى، سۇ بىلەن تەمىنلەش - سۇ چىقىرىش، مەركەزلەشتۈرۈپ پار بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ بەردى.

......

بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭنىڭ كەڭ كەتكەن يېزىلىرىنى ئارىلىغاندا، يېزا - كەنتلەرنىڭ داۋالاش، مائارىپ ھەم ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆسكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ ئىنتايىن زور دەرىجىدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىن كەلگەن. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى يېزا - بازارلىق شىپاخانىلار، كەنت داۋالاش ئۆيىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ قۇرۇش نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %89.59، %89.97كە يەتتى.

يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسى كېڭەيدى

7- ئاينىڭ 9- كۈنى، گۇما ناھىيەسى ئەنخۇي سانائەت باغچىسى ئىلگىرىكىدەكلا ئالدىراشچىلىققا تولغانىدى. گۇما ناھىيەسىنىڭ گۇما بازىرى توغرا ئېرىق كەنتىدىكى ئوراش - قاچىلاش ئىشچىسى ئابدۇللا مەمەتئىمىن بۈگۈنكى كۈندە كارخانىنىڭ ئىش ئورنى ماھىرىغا ئايلىنىپ، ھەر ئايدا 3500 يۈەن ئىش ھەققى ئېلىۋاتىدۇ. ئۇ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر مەن خوتۇن، بالىلىرىمنى گۇما ناھىيە بازىرىغا ئەكىلىۋالدىم، ھازىر بالامنى ناھىيە بازىرىدىكى يەسلىگە ئاپىرىپ بەردىم. مەن زاۋۇتتا ياخشى ئىشلەپ، كۆپرەك پۇل تېپىپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن يەنە كىچىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشنى ئويلاۋاتىمەن...»

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، خەنبو يۇقىرى، يېڭى ماتېرىياللار(خېفېي) پاي چەكلىك شىركىتىگە ئىشقا ئورۇنلاشقان رۇقىيە ئابلەت شۇ يەرنىڭ تۇرمۇشىغا پۈتۈنلەي كۆنۈپ كەتكەنىدى. ئۇ تېلېفوندا مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ ئازراق پۇل يىغىپ قويغانلىقىنى، يۇرتىدىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى ئەنخۇيگە ئەكىلىپ ساياھەت قىلدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

رۇقىيە خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن. ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى تەشكىللەپ يولغا قويغان «خوتەن گۇما ناھىيەسىدىكى مىڭ كىشىنىڭ ئەنخۇيگە بېرىپ ئىشلەش پىلانى»دىن مەنپەئەتلەنگەن بولۇپ، ئۇ مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن خېفېي شەھىرىدە پىراكتىكا قىلدى ھەم شۇ يەردە ئىشقا ئورۇنلاشتى.

دېھقاندىن كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلىنىش، ئىچكىرىدىكى شەھەرلەرگە بېرىپ پىراكتىكا قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئابدۇللا ۋە رۇقىيەنىڭ تەقدىرىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ ئارقىسىدا، ئەنخۇي ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ «كەسىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش كەسىپنى ئىلگىرى سۈرۈش» تەپەككۇر يولى پەيدا قىلغان خىمىيەلىك رېئاكسىيە بار. خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى 65 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ گۇما ناھىيەسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش مەبلىغى تەسىس قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش ۋە كەسپىي ماھارەت بويىچە مەشىقلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ «ئىشلەمچىلىك قىلىش»تىن «ماھارىتىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش»كە ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇردى ھەم 3111 كىشىنى يۆتكىلىپ ئەنخۇي ئۆلكىسىگە بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەشكىللىدى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشىنى چىڭ تۇتتى، ياخشى تۇتتى −

شاڭخەي شەھىرى «شاڭخەي - قەشقەر كەسپىي مائارىپ بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ھەرىكەت پىلانى»نى يولغا قويۇپ، «مەكتەپ +كارخانا + كەسىپ» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، شۇ جايدىكى بوش قالغان ۋە بازار جىددىي ئېھتىياجلىق ئون كەسىپنى نۇقتىلىق بەرپا قىلدى؛

جياڭشى ئۆلكىسى «بىر يادرو كۆپ قۇتۇپ» شەكلىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، نەنچاڭ «جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتى» ھەم فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ قاتارلىق شۆبە پونكىت قۇرۇلۇشى ۋە نەنچاڭ، جيۇجياڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش ئەمەلىي مەشىقلەندۈرۈش بازىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى؛

خۇبېي ئۆلكىسى بۇ ئۆلكىدىن 22 كەسپىي ئورۇن ئىش ئورنىنى، 160 دۆلەت كارخانىسى ئىش ئورنىنى توپلاپ، شىنجاڭغا ئىش ئورنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

......

خەلق تۇرمۇشىدا ئەڭ مۇھىمى ھېسسىيات، تۈمەن چاقىرىملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە خەلق ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلدى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى، 19 ئۆلكە، شەھەردىن كەلگەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كۈچلىرى خۇددى باھار دولقۇنلىرىدەك تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا ئېقىپ كىرىپ، كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى. بۇ مەيدان مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن تاغ - دەريالاردىن ھالقىغان قەلبداش بولۇپ قولنى قولغا تۇتۇشۇش جەزمەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىدا ئەڭ گۈزەل ئىزنالارنى قالدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى