تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ئالدىدا مېڭىش، ئۈلگە بولۇش كېرەك

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ئەڭ يېقىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مۇلازىمەت قىلىشى ئەڭ بىۋاسىتە بولۇپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى ھەتتا باشقا ساھەلەردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدا مۇھىم يۆنىلىش بەلگىسىلىك رولغا ئىگە.

«مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىدا جەزمەن ئالدىدا مېڭىشى، ئۈلگە بولۇشى كېرەك، بۇنى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئورنى ۋە رولى بەلگىلىگەن.» «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشتا، جەزمەن مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىن باشلاپ چىڭىتىش، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك.» مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى مۇپەسسەل بايان قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ بۇرچى - ۋەزىپىسىنى، نۇقتىلىق خىزمىتىنى، ئاچقۇچلۇق تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يېڭى دەۋردە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىنى ئېچىشى پارتىيە تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش. پارتىيەمىز ئەزەلدىن مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. 1922- يىلى پارتىيە 2- قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان پارتىيە نىزامنامىسىدە «ئورگان ھەم يېقىن ئەتراپتا، ئومۇمەن ئۈچتىن بەشكىچە پارتىيە ئەزاسى بولسا بىر گۇرۇپپا قۇرسا بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن، پارتىيەمىز قۇرۇلغان 98 يىلدىن بۇيان، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللىرىدە، پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلدى. پارتىيەنىڭ تارىخى، بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تارىخىنىڭ تەرەققىياتى شۇنى بىلدۈردىكى، پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەتنى ئۇزاق مۇددەت مۇستەھكەم ئىدارە قىلىپ تۇرالىشىنى، ئوخشاش بولمىغان تارىخىي مەزگىللەردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بۇرچىنى ئورۇندىيالىشىنى ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەنلىكى ۋە ياخشىلىغانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەمەلىيەتنى خۇلاسىلىگەندە، ئاساسلىقى ئالتە مۇھىم تەجرىبىگە ئىگە بولدۇق. بىرىنچىدىن، پەقەت پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلغاندىلا، ئاندىن مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ سىياسىي ئورگان بولۇشتەك روشەن خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىغىلى بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، پەقەت شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتكەندىلا، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە ئاندىن باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئۈچىنچىدىن، پەقەت مەركەزنى چۆرىدەپ، قوشۇن قۇرۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن كەسىپنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولغاندىلا، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە ئاندىن ئورۇننى توغرا تاپقىلى بولىدۇ. تۆتىنچىدىن، پەقەت ئۇزاققىچە ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇپ، ئۇل سېلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرغاندىلا، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئاندىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزغىلى بولىدۇ. بەشىنچىدىن، پەقەت دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، دادىللىق بىلەن ئىزدىنىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەشكە ماھىر بولغاندىلا، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە ئاندىن سۈپەتنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگىلى، ئۇنى ھاياتىي كۈچكە تولدۇرغىلى بولىدۇ. ئالتىنچىدىن، پەقەت پارتىيە قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتگۇرۇپپا (پارتكوم) بەنزىسى باشلامچى بولۇش، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولۇش، ئورگان ئارقىلىق سىستېمىنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرغاندىلا، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە ئاندىن قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. بۇ مۇھىم تەجرىبىلەردە چوقۇم ياخشى چىڭ تۇرۇش، ئۇنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، پارتىيەمىزدە چوقۇم يېڭى كەيپىيات بولۇشى، يېڭى نەتىجە بولۇشى، مۇھىمى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلىشى كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتە، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدا پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىشى؛ نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈشى؛ تەشكىللەش كۈچىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مۇستەھكەم، كۈچلۈك بولغان ئورگان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇشى؛ ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئورگان قۇرۇشى؛ ئالاھىدىلىك - قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى؛ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئالدى بىلەن سىياسىي ئورگان. پەقەت يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولغاندىلا، ئاندىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ. بىز ئاڭلىق ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئارقىلىق ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى