تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

«كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولۇش كۇتۇپخانا»سى ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى، 14 مىڭغا يېقىن كىتاب ئاھالىلەرنىڭ ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇشى ئۈچۈن تەمىنلەندى

    ئاھالىلەر جۇڭيا جەنۇبىي يولى مەھەللىسىدىكى «كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولۇش كۇتۇپخانا»سىدا كىتاب ئوقۇماقتا.

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر راۋ جۈنخۇا): يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى جۇڭيا جەنۇبىي يولى مەھەللىسىدىكى «كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولۇش كۇتۇپخانا» سىنىڭ يوپۇقى ئېچىلىپ، تەۋەلىكتىكى شۇنداقلا ئەتراپتىكى ئاھالىلەرگە ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، «كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولۇش كۇتۇپخانا»سى ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيا جەنۇبىي يولى مەھەللىسىنىڭ تارماق كۇتۇپخانىسى ئاساسىدا قايتىدىن بېزىلىپ، يېڭى كىتابلارنى كۆپەيتكەندىن كېيىن دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ قۇرۇلغان.

  مەھەللە كومىتېتى ئىشخانا بىناسىنىڭ 3-قەۋىتىگە جايلاشقان «كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولۇش كۇتۇپخانا» سىغا كىرسىڭىز، ناھايىتى ئازادە، يورۇق بولۇپ، گىرەلىشىپ كەتكەن كىتاب جازىسىغا 14 مىڭغا يېقىن كىتاب تىزىلغان. كۇتۇپخانىدا يەنە يۇمىلاق ئۈستەل، ئۇزۇن ئورۇندۇق قاتارلىق ئەسلىھەلەر بار ئىكەن. ئىچىدە يەنە بىر بالىلار كىتاب ئوقۇش رايونى بار بولۇپ، يەرگە پالاز سېلىنغان، بالىلار ئولتۇرۇپ ياكى دۈم يېتىپ كۆڭۈل قويۇپ كىتاب ئوقۇسا بولىدىكەن.

  «بۇ يەردە كۇتۇپخانا ئېچىلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئەتىگەندىلا 7 ياشلىق قىزىمنى ئېلىپ بۇ يەرگە كەلدىم.» دېدى مەھەللە ئاھالىسى شاڭ چىڭشيۇ. ئۇ قىزىدا ئۈچ ياشتىن ئاشقاندىلا كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يېتىلدۈرگەن. ئىلگىرى مەھەللە كۇتۇپخانىسى ئىككىنچى قەۋەتتە بولۇپ، سەرەمجانلاشتۇرۇشى بىر قەدەر «كونا»، بوشلۇقمۇ كىچىك ئىكەن، بۇ قېتىم دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىچى خېلىلا ئازادە، مۇھىتىمۇ راھەت بولۇپ، ساقلانغان كىتابلارمۇ خېلى كۆپ ئىكەن.

  «مەن خىزمەتكە قاتناشقىلى ئۇزاق بولمىدى، بىكار ۋاقىتلىرىمدا كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن، ھازىر ئۆينىڭ ئالدىدا كىتاب ئوقۇيدىغان قولايلىق ئورۇن بار بولدى، مەن بەك ھاياجانلاندىم.»دېدى ئەمدىلا بۇ مەھەللىگە كۆچۈپ كەلگەن ئاھالە لىن مېي، «بۇنىڭدىن كېيىن ۋاقتىم بولسىلا، مەن بۇ يەرگە كېلىمەن.»

  جۇڭيا جەنۇبىي مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ لېي مۇنداق دېدى: «<كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولۇش كۇتۇپخانا>سى ئەسلىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانا جۇڭيا جەنۇبىي يولى مەھەللىسى شۆبە كۇتۇپخانىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان. شۆبە كۇتۇپخانا 2013-يىل قۇرۇلغان، كۆلىمى پەقەت 100 نەچچە كىۋادرات مېتىر بولۇپ، پەقەت بىر نەچچە مىڭ پارچىلا كىتاب بار ئىدى. بۇ يىل، مەھەللە كومىتېتى يېڭىشەھەر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن، كۇتۇپخانىنى ئومۇمىي جەھەتتىن كېڭەيتىپ، كىتاب ئوقۇش بوشلۇقىنى 400 نەچچە كىۋادرات مېتىرغا يەتكۈزدى، ساقلانغان كىتابنىڭ مىقدارى 14 مىڭ پارچىغا كۆپەيتىلدى، بالىلار ئوقۇشلۇقى، ئېقىم مەسىلىلىرى تۈرىدىكى ئوقۇشلۇقلار موللاشتۇرۇلدى.

  شىنجاڭ «شۇشياڭ تىيانشان» مەدەنىيەت پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خەن جىشيۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە: «كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولۇش كۇتۇپخانا»سى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان مەھەللە» قۇرۇلۇشىدا مۇھىم يېتەكچىلىك ۋە ئۈلگىلىك رول ئوينىغان، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار «كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولۇش كۇتۇپخانا» سىدا كىتاب ئوقۇش، دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن خەلق كىتاب ئوقۇيدىغان كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان مۇھىت يارىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى