شىنخۇا تورى خەۋىرى. ھاۋانىڭ تەدرىجىي قاتتىق ئىسسىشىغا ئەگىشىپ، جىلىن چاڭچۈن سۇ مەدەنىيىتى ئېكولوگىيە باغچىسى نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى سالقىنلاشقا جەلپ قىلدى. چاڭچۈن سۇ مەدەنىيىتى ئېكولوگىيە باغچىسى چاڭچۈن شەھىرى ياتەي كوچىسى بىلەن جىڭشۈي يولى كېسىشكەن جايغا جايلاشقان. بۇ باغچا ئەسلىدە 1932-يىلى قۇرۇلغان چاڭچۈن 1-سۇ تازىلاش زاۋۇتى بولۇپ، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ 2-دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان قورۇ ۋە قەدىمىي ئىمارەت، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى ئىدى.
2015-يىلى بۇ زاۋۇت يېڭى ئورۇنغا كۆچۈپ، شەھەر ئىچىدىكى 300 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق شەھەر ئىچى ئېكولوگىيەلىك يېشىللىقنى قالدۇرۇپ كەتتى. قايتىدىن لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش، ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، سۇ تازىلاش زاۋۇتىنىڭ كونا ئورنى سۇ مەدەنىيىتى ئېكولوگىيە باغچىسىغا ئۆزگەرتىلىپ، 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ جەمئىيەتكە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرى شەھەر تارىخىنى ئەسلەيدىغان، سالقىنلايدىغان ياخشى جايغا ئايلاندى.