تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

مەكىتنىڭ دولان يەرلىك قوغۇنى بازارغا سېلىندى، سوغۇق ساقلاش ئاپتوموبىلى بىۋاسىتە بېيجىڭ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە توشۇدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دەي شياۋيې، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇقەددەس ئابدۇكېرەم فوتوسى، خەۋىرى): «قوغۇننىڭ ئېغىرلىقى 2.8 كىلوگىرام، قەنت تەركىبى 14.2 دەرىجە، لاياقەتلىك تاۋار قوغۇن، يەشىككە قاچىلانسۇن!» 7-ئاينىڭ 9-كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيەسىنىڭ شىيتدۆڭ يېزىسىنىڭ دولان يەرلىك قوغۇنىنى زاكاز سېتىش-سېتىۋېلىش نۇقتىسى قوغۇن جىڭلايدىغان، قوغۇنلارنىڭ قەنت تەركىبىنى ئۆلچەيدىغان، قوغۇنلارغا تور خالتا كىيدۈرىدىغان ھەم ئۇلارنى يەشىكلەرگە سالىدىغان دېھقانلار بىلەن لىق تولغانىدى، يېقىندا، يېزىلار دولان يەرلىك قوغۇنىنىڭ مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى، ھەممىلا يەردە قوغۇن قاچىلىغىلى كەلگەن سوغۇق ساقلاش ئاپتوموبىللىرى كۆزگە چېلىقتى.

  7-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىيتدۆڭ يېزىسىدا تېرىلغان 2300 مو دولان يەرلىك قوغۇنى بازارغا سېلىندى، سودىگەرلەر بىۋاسىتە يېزىدىلا نۇقتا تەسىس قىلدى، قوغۇنلار پەقەت ئېغىرلىقى ئىككى كىلوگىرامدىن، قەنت تەركىبى 14 دەرىجىدىن ئاشسا، يېرىقسىز، زەخمىسىز، شەكلى نورمال بولسىلا تاۋار قوغۇن سېتىۋېلىش ئۆلچىمىگە يېتەتتى.

  بۇ لاياقەتلىك تاۋار قوغۇنلار يەشىكلەرگە قاچىلانغاندىن كېيىن، بېيجىڭ، چۇڭچىڭ، چېڭدۇ، فۇجوۋ قاتارلىق جايلارغا توشۇلاتتى.

  مەكىت ناھىيەسىنىڭ شىيتدۆڭ يېزىسى يېڭىئۆستەڭ كەنتىدىكى ھەسەن ھۈسەيىن ئۆزى تېرىغان قوغۇنلارنىڭ تاۋارلىشىش نىسبىتىنىڭ %95تىن ئاشقانلىقىنى كۆرۈپ، خۇشاللىقتىن ئاغزىنى يۇمالمايلا قالدى. بۇ يىل، ئۇنىڭ ئائىلىسى 20 نەچچە مو يەرگە دولان قوغۇنى تېرىغان بولۇپ، ھەر كىلوگرامىنىڭ سېتىۋېلىنىش باھاسى 3.5 يۈەن بويىچە ھېسابلىغاندا، مو بېشى مەھسۇلات مىقدارى 1.5 توننىدىن ئاشىدىغان قوغۇنلىرى ئۇنىڭغا ئاز دېگەندە 80 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم ئېلىپ كېلەتتى.

  ھەسەننىڭ قوغۇن تېرىپ كېلىۋاتقىنىغا ئون يىل بولاي دېدى، ئەمما 2016-يىلدىن ئىلگىرى بۇ قوغۇنلار ئۇنىڭ كۆڭۈل ئاغرىقى ئىدى. «مەھسۇلات مىقدارى ياخشى ئەمەس، پۇل تاپقىلى بولمايدۇ، ساتالمىغان قوغۇننى ئامال يوق ئۆزىمىز يەيتتۇق» دېدى ئۇ.

  ئەمما يەرلىكلەر «كۆكبەرە» دەپ ئاتايدىغان بۇ قوغۇن چۈرۈك، تاتلىق، كۆڭۈلگە تەگمەيدىغان بولۇپ، يېگەندە يەنە بىر خىل سۇس، مەززىلىك سۈت تەمى چىقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قوغۇن يېشىل گۆشلۈك بولۇپ، يېسە ئىسسىق كەلمەيتتى. بۇ قوغۇننى تېتىپ باققان نۇرغۇن تەلەيلىك ساياھەتچىلەر ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىغان، بۇ ھەم يەرلىك ھۆكۈمەتكە قوغۇننىڭ يوشۇرۇن قىممىتىنى كۆرسەتكەنىدى.

  شىيتدۆڭ يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى خەيجيەن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: 2016-يىلىدىن باشلاپ، يېزىلاردا يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش تېزلىتىلدى. مەنبەدىن تۇتۇپ، تېرىش، پەرۋىش، سېتىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىندى.

  يەرلىك ھۆكۈمەت يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈپ، ئۇرۇقلارغا قارىتا تاللاپ يېتىشتۈرۈپ، ياخشىلاش ئېلىپ باردى، قايتىدىن يېتىشتۈرۈپ چىققان قوغۇنغا تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلدى.

  «مەكىت ناھىيەمىز دولان ماكانى، بۇ قوغۇننىڭ ئۇرۇقى شالغۇتلاشتۇرۇلمىغان ئەسلىي ئۇرۇق، شۇڭا ئۇنىڭغا «دولان يەرلىك قوغۇنى» دەپ ئىسىم قويۇلغان!» ئىلگىرى قوغۇننىڭ تاۋار خاراكتېرىنىڭ ناچار بولغانلىقى تۈپەيلىدىن قوغۇن تېرىشنى بۇغداي ۋە كېۋەز تېرىشقا ئۆزگەرتكەن دېھقانلاردا قايتىدىن قوغۇن تېرىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگەن لى خەيجيەن ئىنتايىن خۇرسەن بولدى.

  قوغۇننىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، دېھقانلار تېخنىك خادىملارنىڭ يېتەكلىشىدە، ئەگمە پارنىك تېرىقچىلىقىنى ئۆگىنىپ، قوغۇننىڭ ئۆسۈش مەزگىلىنى قىسقارتىپ، ئۇنى بالدۇر بازارغا سالدى ھەمدە بارلىق باسقۇچتا ئورگانىك ئوغۇت بەردى.

  كەنت ئاھالىلىرى تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتقاندا، يېزىلىق ھۆكۈمەتمۇ بىكار تۇرمىدى، ئۇلار ئىچكىرىدىكى چوڭ تاللا بازارلىرى بىلەن بىرلىشىپ، دېھقانلار بىلەن تاللا بازارلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، زاكاز بويىچە سېتىش ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، ياخشى سۈپەتلىك مەھسۇلاتنىڭ يۇقىرى باھادا سېتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  نۆۋەتتە، شىيتدۆڭ يېزىسىدا جەمئىي 508 ئائىلە دولان يەرلىك قوغۇنى تېرىدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 341 نامرات ئائىلە دولان يەرلىك قوغۇنى تېرىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىدى.

  ھەر يىلى، دولان يەرلىك قوغۇنى تېرىلىش مەزگىلىدىلا سودىگەرلەر تەرىپىدىن زاكاز قىلىنىپ، «سېتىلىپ تۈگەيدۇ.» تېرىشتىن سېتىشقىچە، دېھقانلار كاپالەتكە ئىگە بولماقتا، قوغۇن تېرىش قىزغىنلىقىمۇ بارغانسېرى ئاشماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى