تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

شايار ناھىيەسى: ئالتۇن رەڭ بۇغدايلىقتىكى مول ھوسۇل شادلىقى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، شايار ناھىيەسى شىڭيا سۇ ئىشلىرى گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ شايار ناھىيەسى يانتاقشەھەر يېزىسى ئوتۇزلۇق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىسى ئوسمان رىشىتكە ياردەملىشىپ كومبايىن ئۇقۇشۇپ بېرىپ، كەنت ئاھالىسى بىلەن بىللە ئېتىز بېشىغا بېرىپ بۇغداي ئورۇش بىلەن ئالدىراش بولدى.

  «خىزمەت ئەترىتى ئەتىگەندە كېلىپ بۇغدايلىرىمنى ئورۇشۇپ بەردى، ئۇلارنىڭ ياردىمى بولغاچقا تېزلا ئورۇپ بولدۇم.» دېدى كەنت ئاھالىسى ئوسمان رىشىت بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ، بىر تەرەپتىن خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىنى باش بارمىقىنى چىقىرىپ ماختاپ.

  «بۇغداي ئورۇش نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم بىر تۈرلۈك خىزمەت، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بۇغدايلارنى جىددىي يىغىۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچراتماي، بۇغداي ئورۇش خىزمىتىنىڭ ئۆز قەرەلىدە تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، كەنت 1-شۇجىسى جاڭ يۈمىڭ. (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن گۈلەيسەم مىجىت، جاۋ يۈن تەمىنلىگەن)

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى