تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

[مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش] ئۆمەرنىڭ سامسىخانىسى تىجارەت باشلىدى

چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدىكى بېسىق مەزگىلدە، ئۆمەر ھاشىم(ئوڭدا) سامسا پىشۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جيا مىڭيەن فوتوسى، خەۋىرى): 7-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونى داۋانچىڭ بازىرى داۋان كەنتىدىكى «بىر ئائىلە كىشىلىرى سامسىخانىسى» تىجارەت باشلاپ، ئىشىك ئالدى ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كەتتى. بىر يىلنىڭ ئالدىدا، خوجايىن ئۆمەر ھاشىم بۇنداق بولۇشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى.

  بۇ يىل 44 ياشقا كىرگەن ئۆمەر ھاشىم داۋانچىڭلىق بولۇپ، بىر ئائىلىدىكى تۆت جان ياڭيۇ، كۆممىقوناق تېرىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. ئۆمەر ھاشىم 36 ياشقا كىرگەن يىلى، شەھەردە نان ۋە سامسا يېقىش ھۈنىرىنى ئۆگىنىپ، داۋانچىڭ بازىرىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن باشقىلارغا ئىشلەمچىلىك قىلدى.

  بۇلتۇر، ئۇ داۋان كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ما جاۋيۈن بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى. ما جاۋيۈن دائىم ئۆمەر ھاشىمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ تۇراتتى. بىر قېتىم ئۆمەر ھاشىم ئۆيىدە يوق ئىدى، ما جاۋيۈن ئۇنى ئىزدەپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان جايغا باردى، ئۆمەر ھاشىم ما جاۋيۈننى ئۆزى ياققان سامسىغا ئېغىز تەگكۈزدى.

  «بەك ئوخشاپتۇ! دۇكان ئاچسىڭىز بولغۇدەك.» دېدى ما جاۋيۈن.

  بۇ يىل، تىيانشان يېزا سودا بانكىسىنىڭ داۋانچىڭ رايونى داۋان كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى كوللېكتىپ ئىگىلىكنى زورايتىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىشقا قاراتتى، قانداق قىلغاندا كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىتقىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە خىزمەت ئەترىتى ئىگىلىك تىكلەشكە ياردەم بېرىپ يۆلەشنى ئويلىدى.

  «ئۆمەرنىڭ ھۈنىرى بار، سىناپ باقسا بولىدۇ.» دېدى تىيانشان يېزا سودا بانكىسىنىڭ داۋانچىڭ رايونى داۋان كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى جوۋ جىنپىڭ بىلەن ما جاۋيۈن تېزلا بىرلىككە كېلىپ.

  كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن خىزمەت ئەترىتى دەرھال يىغىن ئېچىپ مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، ياردەم بېرىپ يۆلەش مەبلىغى ئىشلىتىپ، ئۆمەر ھاشىمنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى.

    بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغان ئۆمەر ھاشىمنىڭ خۇشاللىقىدىن ئۇيقۇسى كەلمەي قالدى، ئۇ بۇ دۇكىنىغا «بىر ئائىلە كىشىلىرى سامسىخانىسى» دەپ ئىسىم قويدى.

  كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن خىزمەت ئەترىتى ئۆمەر ھاشىمغا كوچا بويىدىكى 85 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان دۇكاننى ئۇقۇشۇپ بەردى. ئۆمەر ھاشىم، ما جاۋيۈن، جوۋ جىنپىڭ ئالدى-كەينى يۈگۈرۈپ ئالدىراش بولدى، يېرىم ئايدىن كېيىن، بۇ سامسىخانا تىجارەت باشلىدى.

  ئۆمەر ھاشىمنىڭ سامسىخانىسدا سامسىدىن باشقا يەنە پولۇ، راڭپىزا قاتارلىق تائاملارمۇ بولۇپ، تەمى ياخشى، باھاسى مۇۋاپىق بولغاچقا، سودىسى ياخشى بولدى. نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى كېلىپ ئىشلەمچىلىك ئىشلىرىنى سۈرۈشتۈردى، جوۋ جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ دەل بىزنىڭ ئۆمەر ھاشىمنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىشمىزدىكى يەنە بىر ئويىمىز.

  «بىز بۇ دۇكان ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.» جوۋ جىنپىڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىككى كۈندە سامسا دۇكىنىنىڭ كۈندىلىك كىرىمى 2000 يۈەنگە يەتكەن، ھازىرغىچە تۆت كەنت ئاھالىسى ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى