تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

«ئوت يۇرتى» تۇرپان قۇرغاق ئىسسىق مۇھىت سىنىقىدىكى ئالدىن تاللىنىدىغان جايغا ئايلاندى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 7-ئاينىڭ 5-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر گۇەن چياۋچياۋ): «ئوت يۇرتى» دەپ ئاتىلىدىغان شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى ئىنتايىن ئىسسىق ۋە ئىنتايىن قۇرغاق كىلىماتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى كۆپلىگەن ئاپتوموبىل كارخانىلىرى، ماتېرىيال ياساش كارخانىلىرى ۋە پەن تەتقىقات يۇرتلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن كېلىشكە جەلپ قىلدى ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى ئاپتوموبىللارنى ئىسسىق رايوندا سىناق قىلىشتىكى ئالدىن تاللىنىدىغان جايغا ئايلاندى.

  ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان تۇرپان شەھىرى تىپىك چوڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى ئىللىق مۆتىدىل بەلباغ چۆللۈك ئىقلىمىغا تەۋە، ئىسسىقلىق مىقدارى مول ھەم ئىنتايىن قۇرغاق بولۇپ، كۈن نۇرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 3200 سائەت، 5-ئايدىن 8-ئايغىچە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئوتتۇرىچە 40 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 49.6 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ، يەر يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى كۆپىنچە 70 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولۇپ، بىرقەدەر ياخشى بولغان قۇرغاق ئىسسىق مۇھىت تەجرىبە قىلىش شارائىتىنى ھازىرلانغان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپان شەھىرى تەبىئىي ئەھۋالغا قاراپ يېتەكچىلىك قىلىپ، «ئىسسىقلىق ئىقتىسادى»نى نىشانلىدى، ماتېرىياللارنىڭ قۇرغاق ئىسسىق ئاپتاپقا بەرداشلىق بېرىش سىنىقى ۋە ئىسسىق رايوندا ئاپتوموبىل سىنىقى قىلىش كەسپى تېز تەرەققىي قىلدى. 44 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان تۇرپان تەبىئىي مۇھىت تەجرىبە-تەتقىقات مەركىزىدە ھازىر يەتتە چوڭ تۈر، ئىككى مەھسۇلات، 160 تۈرلۈك پارامېتىر دۆلەت دەرىجىلىك، ئۆلكە دەرىجىلىك تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئاپپاراتلىرىنىڭ سالاھىيەت ۋە ئىقتىدار بېكىتىشى ۋە CNAS تەجرىبىخانىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىن ئۆتتى، جۇڭگو ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئىلمىي تەتقىقات يۇرتى بىلەن ھەمكارلىشىش ئاساسىدا Atlas يەر شارى كىلىمات مۇلازىمەت گۇرۇھىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىن ئۆتتى.

  تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى گو چۈنيۈن مۇنداق دېدى: بۇ يەردە ھازىر 3450 كىۋادرات مېتىرلىق تەجرىبىخانا، 15 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق تىنچ ھالەتتىكى تەجرىبە مەيدانى شۇنداقلا 10 كىلومېتىرلىق تۈرلۈك ئاپتوموبىل سىناش يولى ۋە 300 دىن ئارتۇق ئۈسكۈنە قۇرۇلمىسى بار بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە 2-چوڭ قۇرغاق ئىسسىق تەجرىبە پونكىتى ھېسابلىنىدۇ.

  شاڭخەي ئاممىباب ئاپتوموبىل شىركىتى، ھەممىباب فەنيا قاتارلىق ئاپتوموبىل كارخانىلىرى ئارقا-ئارقىدىن تۇرپاندا مەبلەغ سېلىپ سىناق تۈرى قۇردى. شاڭخەي ئاممىباب ئاپتوموبىل شىركىتى 850 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرۇۋاتقان شىنجاڭ (تۇرپان) تەجرىبە مەركىزى تۈرى يۇقىرى سۈرئەتلىك ئايلانما يول، مۇقىملىقىنى كونترول قىلىش يولى، غەيرىي ئاۋاز سىنىقى يولى، ئىسسىق بەلباغ رايونىدا ئۇزاققا بەرداشلىق بېرىش سىناق يولى، تاشقا سوقۇلۇش سىنىقى يولى، ئاتموسفېرا ئاپتاپقا سېلىش تەجرىبە مەيدانى قاتارلىق ئىلغار ئەسلىھەلەرگە ئىگە. 

  گو چۈنيۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2018-يىللىق ئاپتوموبىل سىناش پەسلىدە، جەمئىي 190 كارخانا، 2150 ئاپتوموبىل، 4800 دىن ئارتۇق ئادەم قېتىم تۇرپاندا ئاپتوموبىل سىنىقى قىلغان.

  بۇنىڭدىن باشقا، شۇ جايدا يەنە يورۇقلۇق ۋولت، شامال ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بۆلەك ھەم سىستېمىلار، ئاپتوموبىل سىناق قىلىش، ئۇششاق دېتاللار، سانائەت ئېلېكتىر سايمانلىرى مۇھىتى ۋە ماتېرىياللارنىڭ چىرىشى، كونىرىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى تەكشۈرۈش-ئۆلچەش بازىلىرى شەكىللەنگەن ھەمدە يۇقىرىقى ساھەلەردىكى دالىدا ئەمەلىي ئىسپاتلاش، تېما تەتقىقاتى قاتارلىقلار قانات يايدۇرۇلغان. تۇرپان كۆپلىگەن كارخانا، ئالىي مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، قۇرغاق ئىسسىق تەبىئىي مۇھىت سىنىقى توپلىشىش ئەۋزەللىكنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولغان.

  ھازىر، 30 مىڭدىن ئارتۇق مەھسۇلات ۋە زاپچاس تۇرپان تەبىئىي مۇھىت تەجرىبە-تەتقىقات مەركىزىدە ئاپتاپقا بەرداشلىق بېرىش سىنىقى، 200 نەچچە ئەۋرىشكە تۇپراقنىڭ چىرىتىش سىنىقى قىلىنىۋىتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى