سانجى گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر سۇڭ خۇامىن خەۋىرى): يېقىندا، سانجى دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان ئائىلىلەر ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىن كېلىپ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدا خىزمەت قىلىۋاتقانلارنى سانجى چىڭ سۇلالىسى دەۋرى ئاشلىق ئامبىرى، مەدەنىيەت كۆرگەزمە مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، بىرلىكتە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى چۈشىنىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى تارىخىي زور ئۆزگىرىش ۋە شانلىق نەتىجىلەرنى ھېس قىلىشقا تەشكىللىدى.
ئېكسكۇرسىيە ئارقىلىق، كۆپچىلىك بەس-بەستە يۇرتىنى مەدھىيەلەپ، ھەر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا ئالقىش ياڭرىتىپ، گۈزەل تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، جەمئىيەتكە، يۇرتىغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
سانجى دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، كادىر، ئىشىچى-خىزمەتچىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى، كارخانا خىزمەتچىلىرى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى سانجى مەدەنىيەت كۆرگەزمە مەركىزى، ئوبلاستلىق مۇزېي، شىخەنزىدىكى جوۋ زۇڭلى خاتىرە سارىيى، ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى، ئۈرۈمچىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، مۇزېي قاتارلىق ئورۇنلاردا ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا 30 قېتىمدىن ئارتۇق تەشكىللىدى، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما يۇرتىنى ساياھەت قىلىپ، غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، مۇۋەپپەقىيەتلەر ھەققىدە پاراڭلىشىش جەريانىدا پارتىيە ۋە ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ھەر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتتى.