تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى «توردا ئالقىشلانغان» مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش تاماملاندى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 7-ئاينىڭ 9-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جوۋ يې). «توردا ئالقىشلانغان» جاي __ شىنجاڭ مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ 1-قارارلىق «دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش» قۇرۇلۇشى يېقىندا تاماملىنىپ، لىنىيە بويىدىكى ساياھەت قىلىشقا ماس كېلىدىغان يول بۆلەكلىرىگە توختاش رايونى، پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى، ئەخلەت ساندۇقى ۋە ئاممىۋى ھاجەتخانا قاتارلىق ئاساسىي مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى كۆپەيتىلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

  مايتاغ-كۇچا تاشيولى دۆلەت تاشيولى217-لىنىيەسىدىكى مايتاغ-كۇچا يول بۆلىكىدە بولۇپ، تىيانشان تاشيولى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 537 كىلومېتىر، تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى كېسىپ ئۆتۈپ، مۇزلۇق، كۆل، ئورمان، يايلاق، يارداڭ يەر شەكلى قاتارلىق كۆپ خىل مەنزىرە شەكىللىرى ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلىنىپ، «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل تاشيول»، «ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى جاي» دەپ تەرىپلەنگەنىدى.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭغا كېلىپ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشنى، ۋېلىسىپىت مىنىپ، پىيادە مېڭىپ ساياھەت قىلىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدىغان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى. مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ يەر شەكلى كۆپ خىل، مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشتىكى قىزىق لىنىيەگە ئايلاندى. ساياھەتنىڭ جانلانغان مەزگىلىدىكى غايەت زور ئاپتوموبىل ئېقىمى، ئادەم ئېقىم مىقدارى بىلەن بىللە پەيدا بولىدىغان «ئۈچ قىيىنچىلىق » (ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش، ھاجەتخانىغا كىرىش قىيىن بولۇش، ئەخلەت تاشلاش قىيىن بولۇش) مەسىلىسىمۇ، مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك قىيىنچىلىق بولۇپ قالدى.

  بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل تەخمىنەن 120 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، بۇنى مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ «دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش» كە ئىشلىتىپ، يول بويىدىكى يول يۈزىدىن سۇ ئۆتۈپ كەتكەن، بۇزۇلغان، يېرىلغان، قىسمەن يول بۆلەكلىرىدىكى يانتۇلۇققا تاش چۈشۈش قاتارلىق زىيانسىز ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلدى، 33 يەرگە مەنزىرە تاماشا قىلىش ئاپتوموبىل توختىتىش رايونىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، جەمئىي 1500 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى تەسىس قىلدى، 19 يەرگە مۇھىت ئاسراش ئاممىۋى ھاجەتخانىسى، 81 ئەخلەت تاشلاش نۇقتىسىنى يېڭىدىن كۆپەيتتى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى يەنە ئاساسلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى ۋە مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىگە ئېلېكتىرونلۇق يېتەكلەش خەرىتىسى ئورناتتى. ساياھەتچىلەر تاشيولنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، مۇلازىمەت رايونى قاتارلىق رايونلاردىكى يېتەكلەش بەلگە تاختىسىدىكى ئىككى ئۆلچەملىك كودنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق پۈتۈن لىنىيە بويىچە ھەقسىز يېتەكلەش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى