تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

چەرچەن ناھىيەسى: پارنىكتىكى كۆكتاتتىن مول ھوسۇل ئېلىندى، خىزمەت ئەترىتى سېتىشقا ياردەملىشىپ كىرىمنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى

  بايىنغولىن گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر رىزۋانگۈل ئىسمايىل): يېقىندا، چەرچەن ناھىيەسى قوراملىق يېزىسى باش كېچىك كەنتىدىكى پارنىكتا كۆكتاتلاردىن مول ھوسۇل ئېلىندى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ پارنىكتىكى كۆكتاتلارنى ئۈزۈشۈپ بەردى. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، كەنت ئاھالىلىرىنى كۆكتات ئۆستۈرۈشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى، ھەمدە كۆكتاتچى دېھقانلارنى ئۇدا ئۈچ يىل كۆكتات مايسىسى ۋە تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى. كۆكتاتنى سېتىپ چىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسى 20 دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ ئەتراپىدا ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى قەرەللىك ھالدا كىچىك بازار ئېچىپ، 30دىن كۆپ يايما ئورنى تەسىس قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە سودا سۇپىسى قۇرۇپ بېرىپ، سېتىشقا ياردەم بېرىش ئارقىلىق كىرىمنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى