تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىك ساۋاتلىرى

ساۋەن ناھىيەسى ئۇرۇقچىلىق مەيدانى: مۇھىتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قانات يايدۇرۇلدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر لى كەيچېڭ): «ھازىر، كەنتىمىزنىڭ يوللىرىدا ئەخلەت كۆرگىلى بولمايدۇ، كۆپچىلىك مۇھىت تازىلىقىنى ئاسراش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈۋاتىدۇ.» 7-ئاينىڭ 4-كۈنى، ساۋەن ناھىيەسى ئۇرۇقچىلىق مەيدانى 1-شۆبە مەيدانىدىكى كەنت ئاھالىسى جاڭ چۈەنيوۋ شۇنداق دېدى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۇرۇقچىلىق مەيدانى يېزا ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، كەنت مۇھىت تازىلىقىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، گۈزەل ھەم ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى. ئۇرۇقچىلىق مەيدانى ئورگان كادىرلىرى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش، دېھقان-چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسىدا تەشۋىق قىلىش، كادىرلار ئۆيمۇئۆي زىيارەت قىلىپ ئالاقىدار تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى تارقىتىش، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن كەنت قائىدىسى، خەلق ئەھدىنامىسى ئىمزالاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پۈتۈن مەيداندىكى كىشىلەرنى مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەشنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلدى.

  نۆۋەتتە، ئۇرۇقچىلىق مەيدانى يوللارنى گۈزەللەشتۈرۈش، كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ بولدى، مەيدان رايونى ئىچىدىكى تار كوچا، پىيادىلەر يولى، يانتۇلۇقتىن 6 كىلومېتىرنى قاتتىقلاشتۇرۇپ، 1.2 كىلومېتىرلىق يۇندى ئازگىلىنى تازىلاپ، جەمئىي 60 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق ھەر خىل مەنزىرە دەرىخى تىكتى. چوڭ تىپتىكى ئەخلەت ساندۇقىدىن ئىككىنى سەپلەپ، ئىككى ئورۇنغا ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش مەيدانى تەسىس قىلىپ، يېزا-كەنتلەردە ئەخلەت تازىلاپ توشۇشنى كەسىپلەشتۈرۈش ۋە دائىملاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش