لى كېچياڭ مىچېلغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7- ئاينىڭ 7- كۈنى چارلېس مىچېلغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى قاتلام ئالاقىسى قويۇق، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول، ئادىمىيەت ئالاقىسى جانلىق، يەر شارىۋى ئىشلاردىكى ماسلىشىشى، ھەمكارلىقى مول نەتىجىلىك، ئۈنۈملۈك بولۇۋاتىدۇ. جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك مۇقىم تەرەققىياتى ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماستىن، يەنە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشىگە پايدىلىق. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپانىڭ خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ. مەن جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، رەئىس مىچېل بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ تىنچلىق، ئاشۇرۇش، ئىسلاھات، مەدەنىيلىكتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا خەلقلىرىگە بەخت يارىتىپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.
شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ تېلېگرامما ئەۋەتىپ مىچېلنى تەبرىكلىدى. لى كېچياڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ھازىرقى جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم پۇرسەتنى تۇتۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.