تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى ئىگىلەپ، ئىسلاھاتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى جەڭگىۋارلىققا ئىلھام بەردى، يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش، ئۇ ئىسلاھاتتا جاسارەتنى نامايان قىلىدۇ، ئىسلاھاتتا ئەقىل - پاراسەتنى مۇجەسسەملەيدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، ئىسلاھاتتا قولغا كەلتۈرۈلگەن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاقلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيە سىستېمىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. كەڭ كادىرلار، ئامما بىرنەچچە كۈندىن بۇيان مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، ئىسلاھاتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇشقا قەسەم قىلدى.

 پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىش

«ئىسلاھات پارتىيەنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاپ تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى، پارتىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇردى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ جەمئىيەتتىكى باشقا ھەر خىل كۈچلەرنى جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇشقا يېتەكلەش، تەشكىللەش، قوماندانلىق قىلىشىنى مۇھىم تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.» گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى دىڭ لى مۇنداق قارىدى، ئۆتكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى ۋەزىپىسى ئومۇمىي جەھەتتىن تاماملاندى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە چېتىلىدىغان مۇھىم، زور خىزمەتلەردە پارتىيەنىڭ ئىرادىسى تېخىمۇ توغرا، مۇكەممەل، تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، نەزەرىيە، تۈزۈم، ئەمەلىيەت قاتلىمىنىڭ ھەممىسىدە يېڭى بۆسۈش، يېڭى بايقاش، يېڭى نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى.

دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور بۆسۈشلەرنىڭ بىرى.

خېيلۇڭجياڭدا پۈتۈن ئۆلكە بويىچە ئۈچ دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتى تەشكىللىنىپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، رېۋىزىيە ئوبيېكتى 290 مىڭ كىشىدىن 1 مىليون 50 مىڭ كىشىگە كۆپەيگەن. «بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكى تەدرىجىي ھالدا ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئېففېكتىغا ئۆزگەرمەكتە.» خېيلۇڭجياڭ جامۇسى شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جياڭ خۇڭۋېي مۇنداق دېدى: ئىسلاھات پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇھىم تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلدى، بۇ، پارتىيەنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىشىغا پايدىلىق.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدىكى تەلەپنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ تەرەپتىن كۈچەپ، پارتىيەنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىغا ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.» ئوتتۇرا جۇڭگو پەن - تېخنىكا داشۆسى دۆلەت ئىدارە قىلىش تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ئوۋياڭ كاڭ مۇنداق قارىدى، پارتىيەنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە تۈرلۈك ئىشلارغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ياخشىلاش، كۈچەيتىش دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى ۋە ئىشقا ئاشۇرۇش يولى.

 پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىش

پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا نىشان سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي قېلىپلاشقان، يۈرۈشۈشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى فۇنكسىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش، دۆلەت ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش.

بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى، خەلق ئىشلىرى نازارىتى، زېمىن بايلىقى نازارىتى، سۇچىلىق نازارىتى قاتارلىق ئون مۇناسىۋەتلىك تارماقنىڭ 12 تۈرلۈك مەسئۇلىيىتىنى بىرىكتۈرگەن گەنسۇ ئۆلكىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش نازارىتىنىڭ ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلغىنىغا بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت بولدى. «ئىلگىرى ھەرقايسى تارماقلار ئۆز ئىشىكى ئالدىدىكى قارنىلا سۈپۈرەتتى، ھازىر ئۆزگىرىپ بارلىق <جىددىي ئىش>لارنىڭ ھەممىسىنى باشقۇرىدىغان بولدى.» گەنسۇ ئۆلكىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش نازارىتىنىڭ نازىرى خۇاڭ زېيۈەن مۇنداق دېدى: قوماندانلىق قىلىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى تەڭشەشنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىك - توغرا يۆنىلىشتە تۇتاشقان بىرلەشمە ئالاقىدىكى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق سىستېمىسىنى تېز سۈرئەتتە بەرپا قىلىش ئاپپارات ئىسلاھاتىدا دەل فۇنكسىيەنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ مۇقەررەر يولى.

2019- يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كارخانىلارنى تىزىملاپ سالاھىيىتىنى باشقۇرۇشتىكى ھەقىقىي ئىسمىنى دەلىللەش سىستېمىسى خېنەن جېڭجوۋدا تورغا چىقىرىلدى. بۇ ئىسلاھات تەدبىرى ھەرقايسى جايلاردا كۆپ تەرەپنىڭ دەلىللەش ئۆلچىمى ئوخشاش بولماسلىق قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، كارخانىلارنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، تىزىملاشنىڭ قولايلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. خېنەن ئۆلكىلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ما لىنچىڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەكىتلىگىنى بويىچە، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىسلاھات لايىھەسىنى تۈزۈشنىڭ چىقىش نۇقتىسى قىلىش كېرەك. ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، بىرتۇتاش بازار باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئۆلكە ھالقىپ قانۇنسىز يۆتكەپ تۆكۈش گۇاڭشىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى. ئاپپارات ئىسلاھاتىنى پۇرسەت بىلىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، تارماقلارنىڭ يەككە ئېلىشىش مەمۇرىي تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، يەنە قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئۆلكە ھالقىپ قانۇنسىز يۆتكەش قىلمىشىغا قاتتىق چۆچۈتۈپ زەربە بەردى. گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتىنىڭ نازىرى تەن چىڭرۇي مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، يەنە ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرى داۋاملىق مۇستەھكەملىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنىڭ «كېيىنكى يېرىم سەھىپىسىدىكى ماقالىلەر» چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇش ئارقىلىق ئىسلاھاتتىن كېيىنكى ئاپپارات فۇنكسىيەسىدە «خىمىيەلىك رېئاكسىيە» پەيدا قىلىنىدۇ.

 ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشنى يۆنىلىش قىلىش

خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ئېھتىياجى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۈمىدى، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇش پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنىڭ روشەن يۆنىلىشى.

جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ يىڭتەن شەھىرى يۈجياڭ رايونى جىنجياڭ بازارلىق مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت مەركىزىدە، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۆزنىكىنىڭ خىزمەتچى خادىمى خې جىنجوۋ شەھەر ئاھالىلىرى تاپشۇرغان كارخانىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ماتېرىيالىنى رەتلەۋاتاتتى. «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ھەم ئورۇنلۇق، ھەم ئاممىغا يېقىن بولۇپ، كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ.» ئۇ مۇنداق دېدى: جياڭشى ئۆلكىسى ناھىيە دەرىجىلىك باشقۇرۇش ھوقۇق چېكىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ نۇقتىدا سىناق قىلدى، ئىلگىرى ناھىيە بازىرىغا بېرىپ بېجىرىدىغان بەزى ئىشلارنى بۈگۈنكى كۈندە بازاردىلا بېجىرىپ تۈگەتكىلى بولىدىغان بولدى. كۆزنەكتە ئىشلەيدىغان خىزمەتچى خادىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، خې جىنجوۋ ھەقىقىي تۈردە ئىسلاھات ئېلىپ كەلگەن ھۆكۈمەت مۇلازىمىتى يېڭى كەيپىياتىنى، پۇقرالار ئارىسىدا ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەش يېڭى دولقۇنىنى ھېس قىلدى.

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر، بۇ ئىسلاھاتنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى. ئاممىنىڭ يېڭى ئېھتىياجى، يېڭى ئارزۇسىغا سېلىشتۇرۇپ، ئاپپارات ئىسلاھاتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، ئىسلاھات ئەمەلىي ئۈنۈمىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.

«1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن نوپۇسى بار چوڭ دۆلەتنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشى ئەسلىدىلا بىر تۈرلۈك ئىنتايىن مۈشكۈل ۋە جاپالىق ۋەزىپە.» فۇجيەن سىفەن داشۆسى ئىقتىساد شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ ماۋشىڭ مۇنداق دېدى: شۇڭا، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان، جاسارەتلىك - ياراملىق بولىدىغان كۈرەش ھالىتى ۋە قانچە جاپالىق - خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش روھىنى ساقلاپ، ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەشتەك كۈچلۈك قابىلىيەتنى ئاشۇرۇپ، دادىل زىممىگە ئالالايدىغان پولاتتەك مۈرىنى تاۋلاپ، ئاممىنىڭ ئىسلاھاتتىن ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كەڭ خەلقنى ئىسلاھاتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىدىغان، ئىسلاھاتنى ھىمايە قىلىدىغان، ئىسلاھاتنى قوللايدىغان، ئىسلاھاتقا قاتنىشىدىغان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھاتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى