تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   سۈرەتتىكى دۇنيا

تاغلار ئارىسىغا يوشۇرۇنغان گۈزەل نارات مۇزلۇق كۆلى

    تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ شياۋچيەن فوتوسى، خەۋىرى). 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئاپتور دۆلەت يولى 217-لىنىيەسىدە ئاپتوموبىل ھەيدەپ، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۈنەس ناھىيەسىدىكى نارات داۋىنىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە كەلگەندە، مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل بىر ئېگىز تاغ كۆلىنى كۆردى، شۇ يەردىكى دالا ھەۋەسكارلىرى بۇ كۆلنى ئاچا-سىڭىللار كۆلى، مۇزلۇق كۆل دەپ ئاتىشىدىكەن. يازنىڭ تومۇز كۈنلىرىدە، بۇ جاي خۇددىي باھار ئەمدىلا يېتىپ كەلگەندەك، كۆل يۈزىدە يەنە بىر قەۋەت ئېرىپ بولالمىغان نېپىز مۇز بار بولۇپ، كۆل سۈيى سۈپسۈزۈك كۆرۈنىدىكەن، كۆل ئەتراپىدا ھەر خىل ياۋا گۈللەر بەس-بەستە ئېچىلىپ، سۈرەتتەك گۈزەل خىيالىي دۇنيا كىشىنى مەپتۇن قىلىدىكەن. 

مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش