تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

تاڭ جىڭجۇڭ: قەلەمدىمۇ، ئەلەمدىمۇ پىشقان كوماندىر

تاڭ جىڭجۇڭنىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (شېنياڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى تەمىنلىگەن)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جىنەن، 7- ئاينىڭ 2- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جاڭ جىلۇڭ) «يولداش جىڭجۇڭنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن ئۆمۈر بويى ئاداققىچە باتۇرانە كۈرەش قىلىش روھى ئەبەدىلئەبەد نۇر چېچىپ، مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.» لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنياڭدىكى ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا، قەلەمدىمۇ، ئەلەمدىمۇ پىشقان كوماندىر دەپ نامى بار ئىنقىلابىي قۇربان تاڭ جىڭجۇڭنىڭ قەبرە تېشىغا شۇنداق دەپ يېزىلغانىدى.

تاڭ جىڭجۇڭ، 1917- يىلى تۇغۇلغان، تەخەللۇسى شېڭتاڭ. شەندۇڭ شوۋگۇاڭ شەھىرى سۈنجياجى كوچىسى تاڭجياجۇاڭلىق. 1937- يىلى، ياپون باسقۇنچىلىرى شوۋگۇاڭ تەۋەسىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، پۈتۈن ناھىيەدىكى ۋەتەنپەرۋەر ياشلار بەس - بەستە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش يولىنى ئىزدىگەن. تاڭ جىڭجۇڭ شۇ يەردىكى نيۇتوۋ بازىرىغا بېرىپ قوراللىق قوزغىلاڭغا قاتنىشىپ، خەلق ئىنقىلابىي ئارمىيەسى 8- ئارمىيەسى شەرقىي شەندۇڭ پارتىزانلار ئەترىتى 8- تارماق ئەترىتىنىڭ شۆبە ئەترەت باشلىقى بولغان. كېيىن، ئۇ قىسىمغا ئەگىشىپ يۆتكىلىپ جەڭ قىلىپ، كۆپ قېتىم جەڭدە خىزمەت كۆرسەتكەن. 1939- يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

تاڭ جىڭجۇڭ جەڭدە باتۇر، قەلەمدىمۇ، ئەلەمدىمۇ پىشقان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئوتتۇرا جەنۇبىي شەندۇڭدا پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان، لىنچۈ ۋۇجىڭ ئۇرۇشى، كۆپ قېتىملىق تازىلاشقا قارشى تۇرۇش كۈرىشى، غەربىي گاۋجۇاڭ ئۇرۇشى قاتارلىقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن. ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، تاڭ جىڭجۇڭ قىسىمنى باشلاپ شەندۇڭدىن شەرقىي شىمالغا قوشۇن تارتىپ، شەرقىي شىمالنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1947- يىلى، شەرقىي شىمال دالا ئارمىيەسى 3- زۇڭدۈي 8- شى 22- تۇەنىنىڭ تۇەنجاڭى بولغان، قىسىمنى باشلاپ لىنجياڭنى ئۈچ قېتىم قوغداش ھەم 1947- يىلىدىكى ياز، كۈز، قىش پەسىللىك جەڭلەرگە قاتناشقان. تۇڭخۇادىكى لۇڭجۇاگوۋمېن ئۇرۇشىدا، قىسىمنى باشلاپ دۈشمەنگە زەربە بەرگەن، يەتتە كېچە - كۈندۈز جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، دۈشمەنگە ياندىن، ئارقىسىدىن تۇيۇقسىز زەربە بەرگەن، ھەرىكىتى كەسكىن بولغان، ئۇستىلىق بىلەن غەلىبە قىلغان، ئىتتىپاقداش ئارمىيە بىلەن ماسلىشىپ، دۈشمەننىڭ بىر پۈتۈن تۇەنىنى يوقىتىپ، بىرمۇنچە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئولجا ئالغان.

ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا، تاڭ جىڭجۇڭ خەلق ئارمىيەسى كوماندىرلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرغان. ھەر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئۇ ئالدىنقى سەپكە ئۆزى چىقىپ، باتۇرلۇق، قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ، كۆپ قېتىم جەڭدە قالتىس خىزمەت كۆرسەتكەن.

1950- يىلى 10- ئاينىڭ 19- كۈنى، تاڭ جىڭجۇڭ شى باشلىقىغا ياردەملىشىپ 118- شىنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرىنى باشلاپ دەندۇڭ ئارقىلىق دەريادىن ئۆتۈپ چاۋشيەن چېگراسىغا كىرگەن. 10- ئاينىڭ 25- كۈنى، قىسىم بېيجېندىكى لياڭشۇيدۇڭدا دۈشمەن بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان. ئۇ بۇيرۇققا بىنائەن سول قاناتتىن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئەسكىرىي كۈچنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، قارىمىقىدىكى 354- تۇەننى پىستىرما قويۇپ، تاغار ئېغىزى شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇپ، 353- تۇەنگە ماسلىشىپ قورشاپ زەربە بېرىشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن، دۈشمەن پىستىرما دائىرىسى ئىچىگە كىرىشىگىلا، شىددەتلىك جەڭ قوزغاپ، چۈشكىچە جەڭ قىلىپ، دۈشمەننى پۈتۈنلەي تارمار قىلغان. دۈشمەننىڭ 300دىن ئارتۇق ئادىمىنى ئۆلتۈرۈپ، 160تىن ئارتۇق دۈشمەننى ئەسىرگە ئالغان، زەمبىرەكتىن 22نى، ئاپتوموبىلدىن 38نى، زور تۈركۈمدە باشقا مىلتىق، ئوق - دورا ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئولجا ئالغان. پىدائىي قىسىم چاۋشيەنگە كىرىپ جەڭ قىلىپ، تۇنجى جەڭدە غەلىبە قىلغان.

1951- يىلى 1- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، دۈشمەن يەنە دەھشەتلىك قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىغان، پىدائىي قىسىم بىلەن چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى 4- قېتىملىق جەڭنى تەشكىللىگەن. شۇ چاغدا 118- شىنىڭ سەنمۇجاڭى بولغان تاڭ جىڭجۇڭ بۇيرۇققا بىنائەن شەرقىي لىنىيەدىكى ياڭدېيۈەن رايونىغا يۆتكىلىپ ئۇرۇش قىلغان. خېڭچېڭ جېڭىدە، تاڭ جىڭجۇڭ 2- ئاينىڭ 11- كۈنى كەچتە بۇيرۇققا بىنائەن ئاساسىي قىسىمنى باشلاپ، چوڭ تاغدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، دۈشمەن 8- شىسىنىڭ يۈرىكى بولغان گۇاڭتيەنتەيگە بىۋاسىتە بۆسۈپ كىرگەن. ئەينى چاغدا، تاغ ئېگىز، قار قېلىن ئىدى، ئۇ بارلىق كوماندىر - جەڭچىلەرنى باشلاپ، جاپاغا چىداپ، ۋەزىپىنى قەتئىي ئورۇندىغان، دۈشمەننىڭ 1000غا يېقىن ئادىمىنى يوقىتىپ، نۇرغۇن ئولجا ئېلىپ، پىدائىي قىسىم باش سىلىڭبۇسى باشلىقىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن.

1952- يىلى 4- ئاينىڭ ئاخىرى، تاڭ جىڭجۇڭ تۇرۇشلۇق قىسىم بۇيرۇققا بىنائەن ئالماشقان. ئالماشقاندىن كېيىن، تاڭ جىڭجۇڭ شىجاڭ لو چۈنشېڭ بىلەن يېڭى مۇداپىئە ئورنىدا ئىستىھكاملارنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، 5- ئاينىڭ 12- كۈنى ليەنچۈەندىكى شىنسىدۇڭدا، بەختكە قارشى دۈشمەن ئايروپىلانىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، ئۇ شۇ يىلى 35 ياشتا ئىدى. تاڭ جىڭجۇڭ قۇربان بولغاندىن كېيىن، شېنياڭدىكى ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.

قەھرىمان قۇربان بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئالىيجاناب روھى يەنىلا كېيىنكىلەرنى ئىلھاملاندۇرماقتا. تاڭ جىڭجۇڭنىڭ يۇرتى تاڭجياجۇاڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تاڭ خۇاشۈن مۇنداق دېدى: تاڭ جىڭجۇڭ بۇ جاينىڭ ئىپتىخارى ۋە پەخرى، ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربان. كەنتتە ھازىر ھەر يىلى ئەسكەر بولۇپ ھەربىي سەپكە قاتنىشىدىغانلار بار، ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ئالىيجاناب روھىنىڭ كۆپچىلىكنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى