تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

تۇنجى قېتىملىق ئېكسپورت! يەكەن ناھىيەسىنىڭ باداملىرى ياپونىيەگە سېتىلدى

سۈرەتنى يەكەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چىن جىنلى خەۋىرى): يەكەن ناھىيەسىنىڭ باداملىرى تۇنجى قېتىم ئېكسپورت قىلىنىدىغان بولدى، تۇنجى بېكەت ياپونىيە بولۇپ، بۇ يىل 8-ئايدا بادام پىشقاندىن باشلاپ، ئارقا-ئارقىدىن 50 توننىدىن 100 توننىغىچە بادام مېغىزى ياپونىيەگە كىرىدۇ.

  يېقىندا، ياپونىيەدىكى گوڭتيەن شىجيا خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى، يەكەن ناھىيەسىدىكى خۈينۇڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتى ھەمدە شاڭخەي، چىڭداۋدىكى ئىككى كارخانا بولۇپ تۆت تەرەپ يەكەن ناھىيەسى بادىمىنى سېتىۋېلىش كېلىشىمىنى رەسمىي ئىمزالىدى. كېلىشىمگە ئاساسەن، يەكەن ناھىيەسىنىڭ بادام مېغىزلىرى تۈركۈم بويىچە ياپونىيەگە ئېكسپورت قىلىنىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى راھەت يېمەكلىكلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.

  يەكەن ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جى شۈەينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى ئېكسپورت كېلىشىمى شاڭخەي شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يەكەن شۆبە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ۋاسىتىچى بولۇپ كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىشى ۋە پائال ئىلگىرى سۈرۈشى ئاستىدا ھاسىل بولغان. جى شۈەي مۇنداق دېدى: «ياپونىيەنىڭ بۇ يېمەكلىك كارخانىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىزچىل ھالدا ئامېرىكىدىن چىقىدىغان بادام مېغىزىنى ئىشلىتىپ راھەت يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ كەلگەن، بۇلتۇر بۇ كارخانا تەكلىپ بىلەن يەكەن ناھىيەسىگە كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، بىزنىڭ يەرلىك بادامنىڭ سۈپىتىگە تولىمۇ قايىل بولۇپ، بۇ قېتىمقى ھەمكارلىققا ئىمكانىيەت يارىتىلدى».

  بادامنىڭ سۈپىتىگە قويۇلىدىغان تەلەپ بىرقەدەر يۇقىرى بولغاچقا، نۆۋەتتە يەكەن ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار تارماقلار دېھقان ئائىلىلىرى، كارخانىلارنىڭ بادامغا بولغان پەرۋىش قىلىش، ھوسۇل ئېلىش، سېتىش، پىششىقلاش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلىرىغا قارىتا كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇ ئارقىلىق بادامنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا، بىر بادام  ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىسىمۇ يېقىندا يەكەن ناھىيەسىدە رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بادام يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن يەرلىك كارخانا مېغىز قىلىپ پىششىقلىغاندىن كېيىن، ئاندىن دۆلەت سىرتىغا توشۇلىدۇ.

  يەكەن ناھىيەسى بادىمىنىڭ تەمى ياخشى بولۇپ، يېمەكلىك، دورا ۋە سانائەت قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى. ھازىر يەكەن ناھىيەسىنىڭ بادام ئۆستۈرۈش كۆلىمى بىر مىليون موغا يەتتى، 2019-يىلى ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 72 مىڭ توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى