تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

[سۈزۈك سۈرەتلەر] يۇرتىغا قايتقان ئىشلەمچىنىڭ يېزا ئىگىلىكى ئارقىلىق بېيىش يولى

7ـ ئاينىڭ 7ـ كۈنى، ۋاڭ مىڭگاڭ ئەينەك پارنىك سىرتىدا كىچىك شوخلىلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. (ۋاڭ چۈەنچاۋ فوتوسى)

شىنخۇا تورى خەۋىرى: 1995-يىلى 25 ياشلىق ۋاڭ مىڭگاڭ خوتۇنى يىن تيەنچىن بىلەن بېيجىڭدىكى بىر ئۈزۈمزاردا ئىشلىدى، شۇ بىر ئىشلىشىدە 17 يىل ئۆتتى. 2012-يىلى، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن چوڭلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن تېخىمۇ ياخشى خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن، يۇرتى چۇڭچىڭ شەھىرى پېڭشۈي مياۋزۇ-تۇجيازۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى. بىر مەزگىللىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن كېيىن، 2013-يىلى ۋاڭ مىڭگاڭ بېيجىڭدا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقاندا ئۆگەنگەن ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ۋە پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۈزۈم ئۆستۈرۈپ ئىگىلىك تىكلەشكە باشلىدى. 2015-يىلى ئۇ يەنە ئۈزۈمچىلىك بازىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۈزۈش باغچىسى ۋە دېھقانلار ئارامگاھى ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شۇ يىلىلا 200 نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشنىڭ پايدىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، ۋاڭ مىڭگاڭ ئۆز كەسپىنى كېڭەيتىشكە باشلىدى، ئۇ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بۆلجۈرگەن، يوۋزى، كىچىك شوخلا، چەيزە، لازا قاتارلىق مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى ئۆستۈردى ھەمدە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يۆلەپ ياردەم بېرىشى ئاستىدا، يول، كۆلچەك، كارىدور قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە سەيلىسى كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەت كەسپىنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈردى. 2018-يىلى ۋاڭ مىڭگاڭ ئائىلىسىنىڭ كىرىمى 1 مىليون 700 مىڭ يۈەنگە يەتتى، ئۇ يەنە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 50 نەچچە يۇرتدىشىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، ۋاڭ مىڭگاڭ يېزا ئىگىلىكى ئارقىلىق بېيىش يولىدا قانداق مېڭىش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىش بىلەن بىرگە، تېخىمۇ كۆپ يۇرتدىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلماقتا.

بۇ، 7ـ ئاينىڭ 7ـ كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان ۋاڭ مىڭگاڭ بەرپا قىلغان يېزا ئىگىلىك بازىسى. (ۋاڭ چۈەنچاۋ فوتوسى)
7ـ ئاينىڭ 7ـ كۈنى، ۋاڭ مىڭگاڭ يوۋزى ئۆستۈرۈش بازىسىدا يوۋزى شېخىنىڭ يوپۇرماقلىرىنى شالاڭلاتماقتا. (ۋاڭ چۈەنچاۋ فوتوسى)
7ـ ئاينىڭ 7ـ كۈنى، ساياھەتچىلەر ۋاڭ مىڭگاڭ بەرپا قىلغان ئېكولوگىيە سەيلىسى كارىدورىدا سەيلە قىلماقتا. (ۋاڭ چۈەنچاۋ فوتوسى)
7-ئاينىڭ 7-كۈنى، ۋاڭ مىڭگاڭ كۆكتات ئۆستۈرۈش بازىسىدا چەيزە ئۈزمەكتە. (ۋاڭ چۈەنچاۋ فوتوسى)
7-ئاينىڭ 7-كۈنى، ۋاڭ مىڭگاڭ (ئوڭدىن 1-كىشى) ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىدا ئۈزۈم ئۈزۈش ماھارىتىنى چۈشەندۈرمەكتە. (ۋاڭ چۈەنچاۋ فوتوسى)
7-ئاينىڭ 7-كۈنى، ۋاڭ مىڭگاڭ يېڭىلا ئۈزگەن ئۈزۈمنى كۆرسەتمەكتە. (ۋاڭ چۈەنچاۋ فوتوسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى